باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ يېڭى زېللاندىيەنىڭ زۇڭتۇڭى جون كى بىلەن كۆرۈشتى

2014.03.21 11:09   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ يېڭى زېللاندىيەنىڭ زۇڭتۇڭى جون كى بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا يېڭى زېللاندىيەنىڭ زۇڭۇڭى جون كى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن يېڭى زېللاندىيەنىڭ ھەمكارلىقى ئىجاد قىلىش ۋە ئۈلگە بولۇش خاراكتېرىگە ئىگە. ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى كۆپەيدى، ئىككى تەرەپنىڭ چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش سەمىمىيىتى، ئارزۇسى بار. يېڭى زېللاندىيە ئىقتىسادى ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە، جۇڭگو كەڭ بازارغا ئىگە، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ بوشلۇقى زور. ئىككى تەرەپ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېشىل ئىقتىساد، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش، يۇقىرى پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو يېڭى زېللاندىيە بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش ئاساسىدا يېڭى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  جون كى مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېڭى زېللاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى، ئەڭ چوڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار كېلىدىغان دۆلەت ۋە 2-چوڭ چەتئەللىك ساياھەتچىلەر كېلىدىغان دۆلەت بولۇپ قالدى. يېڭى زېللاندىيە ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىپ كەلدى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارزۇسى كۈچلۈك. يېڭى زېللاندىيە جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە، ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم بىلەن جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.جون كى يەنە مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو تەرەپتىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى جىددىي ئىزدەۋاتىدۇ، بىرئازلا ئۈمىد بولىدىكەن، ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز