باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىلدىكى ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىغا نەزەر

2014.03.20 17:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئەمدىلا يېپىلىشىغا بىر يۈرۈش ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلىدا چوڭقۇر قاتلاملىق مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد جەمئىيىتىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، ئۇزاققا سوزۇلغان جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مۇجەسسەملەندى.

  17-مارت ئاشكارىلانغان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ھەر قايسى تارماق، مەمۇرى تەستىق ئىشلىرى خۇلاسە تىزىملىكى 60دەك مەمۇرى تەستىق تۈرىدىكى گوۋۇيۈەن تارمىقىنى قاپلىدى، ھەر قايسى تارماقلار ھازىر يولغا قويۇۋاتقان مەمۇرى تەستىق تۈرى 1235.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مەمۇرى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن تارماقلار ئېلان قىلىنغان تىزىملىكتىن سىرىت، مەمۇرى تەستىقلاشقا بولمايدۇ، بىكار قىلىنغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن مەمۇرى تەستىق تۈرىنى باشقا نام بىلەن ئۆزگەرتىپ تەستىقلاشقا بولمايدۇ، يېڭىدىن خالىغانچە تەسس قىلىش، بىر تەرەپتىن ئازايتىش بىر تەرەپتىن كۆپەيتىش، ئاشكارا ئازايتىپ يۇشۇرۇن كۆپەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ، بازار ئاساسى گەۋدىسى قانۇندا چەكلىمىگەن بولسلا قىلىش، ھۆكۈمەت تارماقلىرى قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەن بولسا، قىلماسلىق تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ يىل مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا بازارنىڭ ھاياتى كۈچى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىدە بۇرۇلۇش ياساش بۆسۈش ئېغىز قىلىنىپ، بازاردىن ئىبارەت بۇ قول يەنىمۇ ئېچىۋېتىلىدۇ؛ ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت بۇ قول تېخىمۇ توغرا ئىشلىتىلىدۇ. بازار مېخانىزمى، جەمئىيەت مەبلىغىنىڭ ھاياتى كۈچى، ئىگىلىك يارىتىشتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتى كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىدە بۇرۇلۇش ياساپ دەرىجىسىدە ئۆستۈرۈشكە تۈزۈلمە جەھەتتىن مەدەت بېرىلىدۇ.

  بۇ يىلدىن باشلاپ ئېلىمىز مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول ترانسپورتى ۋە پوچتا مۇلازىمەتچىلىكىدە تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقىنى يولغا قويىدۇ ھەمدە تېلېگراف كەسپىنى تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش بۇ يىللىق مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى.

  بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېزا يەرلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىنىقىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. جۇڭگو خەينەن ئىسلاھات تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چى فۇلىننىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا: يېزا يەرلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىشنىڭ تىز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ھەمدە يېزىلارنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى ئوبوروتىغا ئالاقىدار تۈزۈمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىكى ساھەسىنىڭ ھاياتى كۈچى يەنىمۇ قويۇۋېتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر