شى جىنپىڭ: جياۋ يۈلۇنىڭ روھىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆگىنىپ تەشۋىق قىلىپ، تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتايلى
بۇ 18-مارت، شى جىنپىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىدە تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدىن بەرگەن دوكلاتنى ئاڭىدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-مارتتىن 18-مارتقىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەسىدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
17-مارتتىن 18-مارتقىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەسىدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىقىندا خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەسىدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئىككىنچى قېتىملىق تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئەمەلىيەت ئۆتكۈزۈش ئوببيېكتى، ئاساسلىق نۇقتا، تەشكىللەش ـ يېتەكچىلىك قىلىش پرىنسىپى، ئالاھىدە قانۇنىيىتى قاتارلىقلارنى توغرا ئىگىلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن جياۋ يۈلۇ روھىنى تەرغىپ قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەم تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈلگە تىكلەش داۋامىدا ئارىدىكى پەرقنى تېپىپ، يۇقىرى ـ تۆۋەندە پائالىيەت جەريانىدا مەسىلىنى ھەل قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش جەريانىدا ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇپ، ئويلىنىش جەريانىدا قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ھەر بىر قاتلام، ھەر بىر ئورۇننىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل