باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇن چېتىلىدىغان مەسىلىلەر قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەك

2014.03.20 17:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى يېقىندا «قانۇنغا دەۋاغا چېتىلىدىغان ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تېز ئىلگىرى سۈرۈلگەن قانۇنغا چېتىلىدىغان ئىسلاھات تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسىي مەدەت ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئېرىشىدۇ. شۇنداقلا تەستە قولغا كېلىدىغان تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالىدۇ.

  قانۇنغا دەۋاغا چېتىلىدىغان ئەرزلەرنىڭ ئادەتتىكى ئەرزلەرگە ئوخشاش بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولدى. قانۇنغا دەۋاغا چېتىلىدىغان ئەرزلەر قانۇن سەۋەبلىك چىقىدۇ. شۇڭا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىزىغا چۈشۈرۈپ قانۇن بويىچە ھەل قىلىش كېرەك. ئۇزۇندىن بۇيان شەكىللەنگەن ئەرز قىلىشتا قانۇنغا ئىشەنمەسلىك، يۇقىرىغا ئىشىنىپ تۆۋەنگە ئىشەنمەسلىكتەك ئەھۋال نۆۋەتتە ئىسلاھاتتىكى قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى. ئەرز قىلغۇچىلار رەھبەرلەرنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەندىلا، ئاندىن مەسىلىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ؛ ھەمدە ھەقىقەتەن رەھبەرلەر تەستىقلىغاندىن كېيىن مەسىلە ھەل بولغان مىساللارمۇ بار، ئەكسىچە بۇنىڭ ئۈلگىلىك ۋە يېتەكچىلىك خاراكتېرى ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنغا ئىشەنمەسلىك پىسخىك ھالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار توختىماي ئەرز قىلىدۇ.

  بۇ خىل يۈزلىنىشنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاچقۇچى ئىسلاھاتتا. بىر يىلدىن ئارتۇق ئىزدىنىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، قانۇنغا دەۋاغا چېتىلىدىغان ئەرزىيەت ئىسلاھاتىدا يېڭى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. ئالايلۇق: پارتىيە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەرزىيەت تارماقلىرى شىكايەت ھوقۇقى بىلەن ھەل بولىدىغان ئەرزلەرنى قايتا قوبۇل قىلمايدۇ، ئاممىنى سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىغا بېرىپ مەسىلىنى ئىنكاس قىلىشقا يېتەكلەيدۇ؛ ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار قايتا ئىستاتىستىكا قىلمايدۇ، بېجىرىشكە تاپشۇرمايدۇ ۋە مەلۇم قىلمايدۇ، بۇنىڭدىكى مۇھىم نۇقتا ئەرز قىلغۇچىلارغا بولغان چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش؛ قانۇنغا دەۋاغا چېتىلىدىغان ئەرزلەردە كىرىش، بېجىرىش، چىقىش يوللىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەرز قىلغۇچىلار ماجىرالارنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولى بىلەن ھەل قىلىش يولىغا چۈشىدۇ. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئەرزنىڭ قانۇن ئىزىغا چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، ئەرز قىلغۇچىلار ئىسلاھاتقا ئۈمىد بىلەن قارايدىغان بولىدۇ.

  قانۇنغا دەۋاغا چېتىلىدىغان ئەرز ئىسلاھاتى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەسەۋۋۇرى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش شەكلى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان ئىسلاھات، بۇ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. قانۇنغا دەۋاغا چېتىلىدىغان ئەرز ئىسلاھاتى- ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈزىدىغان زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، بۇ قانۇن سىستېمىسى مۇكەممەللەشكەن، قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىش ئادىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش نۇقتىئىنەزىرى كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالغان قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگونىڭ بالدۇر مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر