باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى بالىلار دەسلەپكى مائارىپ تۈرى باشلاندى

2014.03.20 17:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى بالىلار دەسلەپكى مائارىپ تۈرى 19-مارت ئۈرۈمچى ناھىيىسىنىڭ تۆمۈرتى يېزىسىدا باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە،خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتى شىنجاڭغا 1 مىليون 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تۈرنى بىۋاسىتە يولغا قويۇش، تەربىيىلەش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئۈرۈمچىنىڭ دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى ياخشىلايدىكەن.

  بالىلارنى قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى بالىلار دەسلەپكى مائارىپ تۈر پىلانى ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى ناھىيىسى، غۇلجا شەھىرىدە قانات يايدۇرۇلىدىكەن. خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتى شىنجاڭ تۈرىنىڭ مەسئۇلى جاڭ بىن مۇنداق دېدى: تۈرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش ماھارەت سەۋىيىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بالىلارنىڭ يېشىغا توشمىغان ۋاقتىدىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ۋاقتى چوڭ مېڭىسى يېتىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاقىت. ساقلىقنى ساقلاش، پسىخىك تەربىيىسى، ئوزۇقلۇق قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىن ئاتا ئانىلارغا بېقىش ئىقتىدار تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىپ،چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى بالىلار ئىلىم پەنگە ئىنتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر