باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مال – مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن قىلىنغان تاپاۋەتتىن %20 باج ئېلىنىدۇ

2014.03.20 17:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ▲ 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنى ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مالىيە مىنىستىرى لۇ جىۋېي بىلەن مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى جاڭ شاۋچۈن «مالىيە – باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە مالىيە خىزمىتى» گە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېيىشتى: مال – مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن قىلىنغان تاپاۋەتتىن %20 باج ئېلىنىدۇ، %20 لىك باج نىسبىتى بويىچە شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدۇ. قانۇندا مۇشۇنداق بەلگىلەنگەن، ئەمما قانۇندا باج ئېلىش بىر قەدەر قىيىنغا توختىغاندا، باج ئىدارىلىرى ئاددىي بولغان باج ئېلىش چارىسىنى تۈزسە بولىدۇ، دېگەن ھوقۇق بېرىلگەن، چۈنكى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقىنى ھېسابلىماق تەس.

  ▲ ۋەكىل، شاڭخەي زاكاز مال سودا بازىرىنىڭ كېڭەش باشلىقى ياڭ مەيجۈن 5 – مارت جۇڭگو ئاكسىيە گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ يىل زاكاز مال بازىرىنى ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەكلىپى بېرىلىپ، زاكاز مال بازىرىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  ▲ ۋەكىل، «ۋەنفېڭ ئوۋتې» گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن ئەيليەن مۇنداق دېدى: پاي تىزگىنلىگەن پايچىكلار ۋە ئەمەلىي تىزگىنلىگۈچىگە بولغان تۈزۈم سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، «پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى» نى تېزرەك يولغا قويۇش كېرەك.

  ▲ ئەزا، ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بازار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شيەن 4 – مارت مۇنداق دېدى: رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى سودا بازىرىنى كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى سىستېمىسى ۋە نازارەت قىلىش دائىرىسىگە قانداق كىرگۈزۈشنى ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بۇ يىل كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسى تاماملىنىدۇ. بازار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان «T+O» سودا تۈزۈمى ھەققىدە ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى مۇھاكىمە قىلىۋاتىدۇ، ھازىرچە يولغا قويىدىغان ۋاقىت جەدۋىلى تېخى چىقمىدى.

  ▲ ئەزا، مەركىزىي مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى خې چياڭ يېڭى پاي چېكى تارقىتىشنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى مەسىلىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، يېڭى پاي چېكى تارقىتىشنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى يېڭى 3 – دەرىجىلىك بازاردا يولغا قويۇلسا مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى زىيان كۆرۈلسىمۇ، نورمال تىجارەت قىلىنسىلا، تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ يېڭى 3 – دەرىجىلىك بازاردا ۋىۋىسكا ئېسىپ سودا قىلالايدۇ.

  ▲ ۋەكىل، شېنجېن ئاكسىيە سودا بازىرىنىڭ باش دىرېكتورى سۇڭ لىپىڭ 3 – مارت «شاڭخەي ئاكسىيە گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر پاي چېكى بازىرى پاي چېكى تارقىتىش چارىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ خىزمەتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، شېنجېن ئاكسىيە سودا بازىرىمۇ بۇنىڭغا قاتناشتى، بۇ يىل تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ تاماملىنىشىغا ئىشەنچىمىز بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر