باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى- جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يارقىن نۇقتىسى

2014.03.21 18:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گوللاندىيەدە زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا، گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى لىۋىت: ناھايىتى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىمىز، دېدى، جۇڭگو بىلەن گوللاندىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى، ئىككى دۆلەت سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلاشسا بولىدۇ، دەپ ھېسابلىدى. تەھلىلچىلەر ئومۇميۈزلۈك: ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى شۈبھىسىزكى جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە مۇناسىۋىتىدىكى يارقىن نۇقتا، دەپ ھېسابلىدى.

  جۇڭگونىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى سودا باشقارمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2013-يىلى جۇڭگو بىلەن گوللاندىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 70مىليارد 100مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %3.8ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان. گوللاندىيە ئۇدا 11يىل جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 2-چوڭ سودا شېرىكلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن.

  بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى، داۋاملىق ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. گوللاندىيە ئىقتىسادى چېكىنگەندىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىۋاتقان پەيتتە، بۇمۇ ئىككى دۆلەت ئورتاق تەشەببۇس قىلغان ئەركىن سودا، سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنىڭ نەتىجىسى.

  شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا بېيجىڭغا زىيارەتكە كەلگەن لىۋىت بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەنىدى: جۇڭگو يېڭىچە سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، بۇ جۇڭگو بىلەن گوللاندىيەنىڭ ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئىككى تەرەپ پورت، نېفىت خىمىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ شۇنداقلا داۋاملىق يېڭى ساھەلەرنى ئېچىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  گوللاندىيەنىڭ ياۋروپانىڭ ئىشكى دېگەن نامى بار، ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى، تەرەققىي قىلغان سودا سىستېمىسى ۋە ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن يەنە قولاي ئەشيا تورى، ئۆزگىچە باجدا ئېتىبار بېرىش ۋە كەڭ قۇرساق بولۇشتەك كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتكە ئىگە.

  گوللاندىيەدىكى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو تەكشۈرۈش، ئىسپات بېرىش گۇرۇھى ياۋروپا شىركىتىنىڭ باش دىكتورى لى مىنيەن مۇنداق دېدى: گوللاندىيە ئوتتۇرىغا قويغان كەسىپ تەرەققىيات پىلانىدا نۇقتىلىق ھالدا يېمەكلىك، يېڭى ئېنېرگىيە، ئوبوروت، باغۋەنچىلىك، سۇچىلىق، خىمىيە، ھاياتلىق ئىلمى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش شۇنداقلا ئىجادىيەت كەسىپ قاتارلىق توققۇز نۇقتىلىق كەسىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ ھەمدە دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ گوللاندىيەدە باش ئورگان تەسس قىلىشىغا مەدەت بېرىلىپ، جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە كارخانىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى كەڭ، گۈزەل سەھنە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  يەر مەيدانى 42مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان، نوپۇس 16 مىليوندىن ئاشىدىغان كىچىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن گوللاندىيە تارىختا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ياراتقان، كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان دېڭىزنى توسۇش تۇغىنى ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. كىشىنى ھەممىدىن بەك قايىل قىلىدىغىنى گوللاندىيە يەنە يەر شارىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى ئۇدا كۆپ يىل دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۈرۈپ كەلدى، سۈت، كۆكتات ۋە قۇشۇمچە يېمەكلىكلەر، گۈرۈچ قاتارلىقلار داڭلىق.

  جۇڭگو بىلەن گوللاندىيەنىڭ تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك كەسپىدىكى بىر يۈرۈش ھەمكارلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى.

  جۇڭگو بانكىسى روتتردام شۆبە بانكىسىنىڭ مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، يېقىنقى ئىككى يىلدا گوللاندىيە بىلەن نەچچە قېتىم يېزا ئىگىلىكى خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەمكارلاشقان، ئالايلۇق شەندۇڭ شوۋگۇاڭ كۆكتات كەسپى گۇرۇھى گوللاندىيەدە تەسس قىلغان كەسىپ بازىسى ۋە ئۇرۇقچىلىق شىركىتى ئاكسىيا بىلەن ھەمكارلاشقان، ئاۋيۇۋ سۈتچىلىكى گوللاندىيە سۈت كارخانىسى «خەيپىروكا»نى قۇشۇۋالغان، جۇڭلىياڭ گۇرۇھى يەر شارى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە چوڭ تاۋار سودىگىرى گوللاندىيە نىدىلا گۇرۇھىنىڭ پېيىنى سېتىۋالغان، ۋاھاكازالار.

  بۇ شۆبە بانكىسىنىڭ باش دىكتورى جاۋ سەييەن مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى- گوللاندىيەنىڭ ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىق ساھەسىگە مەركەزلەشكەن، جۇڭگو بىلەن كەىسپ جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلىيالايدۇ.

  گوللاندىيەنىڭ چەتئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2013-يىلى جۇڭگونىڭ مەبلەغ تۈرى 40ققا يېقىن بولۇپ، ئامېرىكىدىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇرغان. 2013-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە جۇڭگونىڭ گوللاندىيەدىكى مەبلەغ سالغان كارخانىسى ۋە تۈرى تەخمىنەن 380گە يەتكەن.

  كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ئالاقىسىنىڭ داۋاملىق ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ ھەمدە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر