- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى جازالىغانلىقىنى جاكارلىدى
2014.03.21 18:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 20-مارت بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا 17-مارت قىرىمنىڭ ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيەنى جازالىغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ 9 ئەمەلدارى ۋە پارلامېنت ئەزاسىغا قارىتا مۇناسىپ جازالاشنى يولغا قويدى. جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئامېرىكىنىڭ بۇ 9 ئەمەلدارى ئامېرىكا كېڭىش پالاتاسىدىكى كۆپ پارتىيە رەھبىرى رىدى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بونا، تولۇق سالاھىيەتلىك پارلامېنت ئەزاسى مەيكىئىن ۋە پىرېزىدېنتىنىڭ بىر قانچە ياردەمچىسى ۋە مەسلىھەتچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە بىر قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلەندى: قىرىمدىكى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش خەلقئارا قانۇن بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىسىگە تامامەن ئۇيغۇن . ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 17-مارت رۇسىيەنىڭ يەتتە ئەمەلدارى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ 4 ئەمەلدارىغا ۋىزا بېجىرىشنى مەنئىي قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ مال مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىق جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر