باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

غەربىي جەنۇبنىڭ تەرەققىياتىدا قاتناش ناھايىتى مۇھىم

2014.03.11 18:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۇنمىڭ تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل ليۇ بوشېڭ 10-مارت يۈننەن ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايدا مۇخبىرلار بىلەن غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈستىدە پاراڭلاشتى.

  ليۇ بوشېڭ يولدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنىلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: غەربىي جەنۇب رايونىدىكى نۇرغۇن ئوبلاست، ناھىيەلەردە تېخى ھازىرغىچە ئالىي تاشيول، تۆمۈريول يوق. بۇ-يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى بىۋاسىتە چەكلەپ قويدى، نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. ليۇ بوشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يۈننەن تۆمۈريول ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا 25 مىليارد 887 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.4 ئاشۇرۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى. لېكىن شەرقىي رايوندىكى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريوللار بىلەن ئاساسەن قاپلانغان ئاساسلىق شەھەرلەرگە قارىغاندا پەرق يەنىلا چوڭ.

  ليۇ بوشېڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا، بۇ يىل يېزىلاردىكى نامرات نوپۇستىن ئون مىليوندىن كۆپرەكى ئازايتىلىدۇ، نامراتلىقنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ دەپ كۆرسىتىلدى. نامراتلارنى يۆلەشتە كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ شۇنداقلا قاتناشنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ جەھەتتە دۆلەتنىڭ مەبلەغنى داۋاملىق كۆپەيتىشىگە توغرا كېلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، نامرات جايلارنىڭ تۆمۈريول، تاشيول قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۆمۈريول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش-نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى يۈننەننى بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈش، يۈننەننىڭ ئىستىھكام بولۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭمۇ ئېھتىياجى. ليۇ بوشېڭ مۇنداق دېدى: يۈننەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، يۈننەن چوڭ يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە سەككىز ئۆلكىگە چىقىدىغان تۆمۈريول، تۆت دۆلەتكە چىقىدىغان تاشيول تورىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، يۈننەن غەربىي جەنۇب چېگراسىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق بېيىشى ۋە چېگرىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر