باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شەخسنىڭ تەربىيەلىنىش، ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك

2014.03.13 10:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ‹‹ئۈچ قاتتىق، ئۈچ ئەمەلىي››نى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

  سۈي يۈنيەن، چېن فېڭ، يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭ 9 – مارت ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا ‹‹رەھبىرىي كادىرلار تەربىيەلىنىشكە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە قاتتىق ئېھتىياتچان بولۇشى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى كېرەك. ئىشلارنى پىلانلىغاندا، ئىگىلىك تىكلىگەندە، كىشىلىك مۇئامىلىدە ئەمەلىي بولۇشى كېرەك›› دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ۋەكىللەر ۋە ئەزالار بەس – بەستە: ‹‹ئۈچ قاتتىق، ئۈچ ئەمەلىي››نى ئۆلچەم قىلىپ، شەخسىي تەربىيەلىنىش، ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ياخشى كادىرى بولۇپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز، دېيىشتى.

  ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە قويۇلىدىغان ئەقەللىي تەلەپ يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ۋەكىل شى ۋېنخەي 10 – مارت چۈشتە مۇنداق دېدى: بۈگۈن ناشتىلىق ۋاقتى ۋە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە، كۆپچىلىك باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئۈچ قاتتىق، ئۈچ ئەمەلىي››نى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. ۋەكىللەر: ‹‹ئۈچ قاتتىق، ئۈچ ئەمەلىي›› يېڭى مەزگىلدە پارتىيەلىك كادىرلارغا قويۇلغان ئەمەلىي تەلەپ، بۇ ئاددىي سۆزلەر پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھەرىكەت مىزانى، ھوقۇق يۈرگۈزۈش قىبلىنامىسىغا ئايلاندى، دېدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى، ۋەكىل مەردان مۇقىيىت مۇنداق دېدى: بۇ، ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى، شۇنداقلا پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ھوقۇق يۈرگۈزۈش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ئاساسىي تەلەپ. ‹‹ئۈچ قاتتىق، ئۈچ ئەمەلىي›› 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان مەركەز ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە قاتارلىق تەلەپلەر بىلەن تومۇرداش، شۇنداقلا تېخىمۇ كونكرېتلاشقان.

  دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بېيجىڭ شېخې تېببىي ئىنستىتۇتى ئاساس مىدېتسىناسى ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل شېن يەن: بۇ بىر خىل مەسئۇلىيەت، ئەمەل قانچە چوڭ بولغانسېرى ھوقۇق ئەمەس، بەلكى مەسئۇلىيەت شۇنچە چوڭ بولۇشى كېرەك، دېدى. ئۇنىڭ تەكىتلەۋاتقىنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتقان ئەمەلدارلارنىڭ زىممىسىگە خەلقنىڭ ئارزۇسى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى يۈكلەنگەن، ھەممىمىز زىممىمىزگە ئېلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ۋەزىپە – مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

  ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسى

  جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئەزا چېن چى مۇنداق دېدى: ‹‹ئۈچ قاتتىق، ئۈچ ئەمەلىي›› پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى ھەرىكەت قىبلىنامىسىگە ئايلىنىدۇ. راست سۆزلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، سەمىمىي بولۇپ، ‹‹ئۈچ قاتتىق، ئۈچ ئەمەلىي›› يېڭى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى قەتئىي بوشاشماي ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ تەقەززاسىغا ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئەزا جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتتا ‹‹يۇقىرى قاتلامدىكىلەر قىزغىن بولۇش، ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەر قاراپ تۇرۇش، ئاساسىي قاتلامدىكىلەر پاسسىپ بولۇش›› ئەھۋالى قىسمەن مەۋجۇت. ئىسلاھات مەنپەئىتى قاتماللاشقان قىسمەن گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئىتىگە تاقالغانلىقتىن، يەنە ئىشتىن ئادەم كۆپ بولۇش ئەھۋالى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، قىسمەن كىشىلەر بۇنىڭدا تەشەببۇسكار بولمايۋاتىدۇ. ھەتتا ئىسلاھاتقا توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلارغا ‹‹ئۈچ قاتتىق، ئۈچ ئەمەلىي››نى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز بۇنى ئۆلچەم قىلىپ، بارلىق ھەرىكىتىمىزدە سەمىمىيلىك ۋە پارتىيەۋىلىكنى چىقىش قىلىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  شەخسلەرنىڭ تەربىيەلىنىشىدىكى ئۆمۈرلۈك نىشان

  شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل خې خۇيشىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ بىزنىڭ ئۆمۈربويى سەمىمىي بولۇپ، ئىشلارنى پۇختا ئىشلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا شەخسىي تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش ئۆمۈرلۈك ئىش بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋەكىل خاسىيەت ئەلى مۇنداق دېدى: پارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئالدى بىلەن ئەخلاق ۋە پەزىلەت جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئالدى بىلەن ئادەم بولۇش، ئاندىن ئىش قىلىش، ‹‹ئۈچ قاتتىق، ئۈچ ئەمەلىي››دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپنى شەخسلەر تەربىيەلىنىشىدىكى ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىش، ئۆز – ئۆزىنى چەكلەيدىغان تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم قىلىش كېرەك.

  ‹‹ئۈچ قاتتىق، ئۈچ ئەمەلىي›› ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىدىكى قىبلىنامىسى. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل جاۋ چىڭ مۇنداق دېدى: ئىستىل قۇرۇلۇشى تۈزۈم بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆلچەم، شۇنداقلا قىممەت قارىشى، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىر بۇ خىزمەتنى باشتىن – ئاخىر ياخشى ئىشلەپ، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، شەخسىيەتچىلىك خاھىشىنى يېڭىپ، ئالىيجاناب پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇش، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇش، بىلىشى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر