جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11-يانۋار 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدىكى ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى.
يىغىندا، سەككىز ۋەكىل ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئارمىيە ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشى، ئارمىيە بىلەن خەلقنى بىر تۇتاش تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار ھەققىدە سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ مۇھىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىز بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەر تارىخىي مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپە ئالدىدا، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك روھى بويىچە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. بىز تىنچلىقنى ئۈمىد قىلىمىز، لېكىن ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا، دۆلەتنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى ھەرگىز قۇربان قىلمايمىز.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرغان تۈزۈلمىلىك توساقلار، قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەر، سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئارمىيە تەشكىلىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.