- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
چاقىلىق كىروران پۇقرالار ئايرودۇرۇمى تەستىقتىن ئۆتتى
2014.03.13 10:06 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يېقىندا، چاقىلىق پۇقرالار ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى تۈرى گوۋۇيۈەن ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى .
10-مارت ، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گورۇھى شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە ، چاقىلىق كىروران پۇقرالار ئايرودۇرۇمى مەملىكەت ئىچىدىكى تارماق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى قىلىپ بېكىتىلىدىغان بولۇپ ، ئاساسلىقى يۈك تىرانسپورت ، يولۇچى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن .
چاقىلىق ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىغا 510 مىليون يۈەن تەستىقلانغان بولۇپ ، ئايرودۇرۇم 2020-يىلىغا بارغاندا يولۇچى توشۇش مىقدارى 120 مىڭ ( ئادەم /قېتىم) غا ، يۈك توشۇش مىقدارى 480 توننىغا يەتكۈزۈش نىشانى بويىچە لايىھەلىنىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ تۈر 2014-يىللىق شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يەكەن ، تۇمشۇقدىن كېيىن تەستىقلانغان 3- ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ‹‹12-بەش يىل›› لىق پىلان مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ھېسابلىنىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر