باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋاڭ يى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئەسلى ئىناق ئۆتىشى كېرەك ئىدى

2014.03.12 10:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 8-مارت «جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى قاتماللىقنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك» دېگەنگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، 2014-يىلى 1914-يىلى ئەمەس، 2014-يىلى 1894-يىلىمۇ ئەمەس، دېدى.

  2014-يىلى جاۋۇ يىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جاۋۇ يىلى جۇڭگو خەلقىگە نىسبەتەن ئالاھىدە مەناغا ئىگە. بۇندىن 120 يىل بۇرۇنقى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ جاۋۇ ئۇرۇشىدا جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنغان، بۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا زور كىشەن بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو يېرىم فىئوداللىق يېرىم مۇستەملىكە پاتقىقغا چوڭقۇر پاتقان. ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە قوشنا بولغاندىكىن ئىناق ئۆتىشى كېرەك ئىدى. ھازىرقى ۋەزىيەتنى بىز ئانچە خالاپ كەتمەيمىز، بۇ جۇڭگو بىلەن ياپونىيە خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

  18 ئاي بۇرۇن، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارال سېتىۋېلىش سەتچىلىكى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقاندىن كېيىنكى دياۋيۈ ئارىلى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشنى بىر ياققا قايرىپ قويۇش سۈكىتىنى بۇزدى. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابېشىنزو 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ ئەرۋاھ تاختىسى قويۇلغان ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى قىزىل سىزىقتىن ھالقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئابېشىنزو ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇنغا مەجبۇرىي تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، قوغدىنىش قىسمىغا كوللىكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى بېرىشى قاتارلىق بىر قاتار ئوڭچىل ھەرىكەتلىرى ياپونىيەنىڭ مىللتارىزىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پىلانلىق ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  يېقىندىن بۇيان ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار سۆز-ھەرىكەتلىرى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش روھىغا زىت بولدى، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى بۇزدى، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايدۇ. ۋاڭ يى: تارىخ ۋە زېمىندىن ئىبارەت بۇ ئىككى پىرىنسىپال مەسىلىدە، مۇرەسسەلىشىدىغان ئىمكانىيەت بولمايدۇ، دېدى.

  بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات»تا، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلبە مېۋىسى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش، تارىخنىڭ قايتىلىشىغا يول قويماسلىق تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى گېرمانىيەنى سۆككەندىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى گېرمانىيەنى ئۈلگە قىلغان ياخشى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى گېنىرال مايور چيەنلىخۇا مۇنداق دېدى: ھازىر شەرقىي ئاسىيا رايونىدا ئۇرۇش پارتىلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، لېكىن بۇ جۇڭگوغىلا باغلىق ئەمەس. جۇڭگو ئارمىيەسى ئاۋۋال قول كۆتۈرمەيدۇ، لېكىن باشقىلار ئاۋۋال قول كۆتۈرۈپ، توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش ئوتىنى جۇڭگوغا تۇتاشتۇرسا، جۇڭگو كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ باش كاتىپى جۇ ۋىنچوڭ «بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ياۋپونىيە دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ئۇرۇشىشى مۇمكىن» دېگەن سۆزلىرىگە قارىتا، غەربتىكى قىسمەن كىشىلەر شەرقتە ئىش تۇغدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ، ئۆزىگە نەپ تارتماقچى دېدى.

  جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دياۋيۈ ئارىلى زېمىن ماجراسىنى ئۇرۇش پارتلاشنىڭ ئامىلى دەپ قارىماسلىق كېرەك. دياۋيۈ ئارىلى ماجراسى ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، جۇڭگو دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ئىختىلاپلارنى بىر ياققا قايرىپ قويۇش مەيدانىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ئەمما ھازىر ياپونىيە تالاش-تارتىشلارنى بىر قايرىپ قويۇشنى خالىمايۋاتىدۇ. ياۋپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى كۆز قارىشى ياپونىيە خەلقىنىڭ ئومۇمىي ساداسىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

  ياپونىيەنىڭ ئۆلكە باشلىقلىرى قاتارلىق يەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش خايىشىنى بىلدۈردى.

  ئۆتكەن 18 ئايدا جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ سىياسىيدىكى جىددىي مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىگە زىيان سالدى. جۇڭگو ئۆتكەن يىلى دۇنيا مال سودىسىدىكى 1-چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان ئىدى، ئەمما ياپونىيە بىلەن بولغان سودا سوممىسى ئازلاپ، %5.1 چۈشۈپ كەتتى.

  جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىز ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى زاتلارنىڭ ئىجابىي كۈچ چىقىرىپ، سىياسىي، دىپلوماتىيە ۋە تارىخىي تونۇش قاتارلىق نۇقتىلاردىن ئابېشىنزونىڭ خاتا تارىخىي كۆز قارىشىنى چەكلىشىنى، ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇشىنى، ئۇنىڭغا زەربە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر