باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

31نەپەر دېھقان ئىشلەمچى بۇرچىنى ئادا قىلماقتا

2014.03.12 10:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن ئىبارەت ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىدىغان جۇڭگودىكى ئەڭ يادرولۇق بۇ كىشىلەر ئىچىدە دېھقان ئىشلەمچىلەر يوق ئىدى، 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا مەملىكەت بويىچە 3 مىڭدىن ئارتۇق ۋەكىل ئىچىدە دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋەكىلىدىن ئاران ئۈچى بار ئىدى، 12-نۆۋەتلىكىدە 31 ئى بار بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرسىدىن باشقا قالغان 30 ئىنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن سايلانغان ۋەكىللەر، ئۇلار بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە ئۇلارنىڭ جىسمىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

  شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى جۇ شۆچىن ئۇدا سايلانغان بىردىن بىر دېھقان ئىشلەمچى ۋەكىلى، بۇ يىللاردا ئۇ خېلى يېتىشىپ چىقتى، 2008-يىلى مۇخبىر زىيارەت قىلغاندا 31 ياشلىق ئۇ ئازراق گاڭگىراش ئىچىدە مۇخبىرلارنىڭ قوغلاپ يۈرۈپ زىيارەت قىلىشىغا ئانچە كۆنەلمىگەن ئىدى، ئالتە يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئارام ئالدىغان ۋاقتى ئازايدى، نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئاشتى، زېمىنسىدىكى مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ چوڭايدى.

  جۇ شۆچىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز مەكتەپ ۋە كارخانىلار بىرلەشمە ھەرىكىتى مېخانىزمىغا دېققەت قىلدۇق، ھازىر 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان دېھقان ئىشلەمچىلەر كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇشنى خالىمايدىغان بولدى، بۇ جۇڭگودىن ئىبارەت ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتىگە كىرزىس ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا كۆك ياقىلىق ئىشچىلارغا پايدىلىق سىياسەتلەرنى تۈزۈشنى تېزلىتىش، جەمئىيەت بىلىمگىلا ھۆرمەت قىلىپ قالماستىن يەنە تېخنىكا ماھارىتىگىمۇ ھۆرمەت قىلىشى لازىم، ئۇ يېڭى دېھقان ئىشلەمچى ۋەكىللەرگە تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: كۆپرەك ئالاقىلىشىپ، كۆپرەك ئۇچرىشىڭلار، ئىككى يىغىندا مەسىلىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ساقلىنىڭلار، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تەلىپىنى ئىككى يىغىنغا يەتكۈزۈڭلار.

  بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇن سىچۈەننىڭ زىگوڭ شەھىرىدىن جياڭسۇنىڭ تەيساڭ شەھىرىگە كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان ساۋ يوڭ 2013-يىلى ئىككى يىغىنغا قاتناشقاندا ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش دېگەن ئۇقۇمنى چۈشەنمەيتتى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى، ئۇ يىغىندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ يىللىق تەكلىپ لايىھەلەرنى تەييارلاشقا باشلىدى، ئۇ داۋالاش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇش ۋە رەسمىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا ئەھميەت بېرىپ: داۋالاش سۇغۇرتىسى شەخسى ئۇچۇرىنى بالدۇرراق مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇپ، يۆتكىلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى.

  جۇ جېنبو شاڭخەيدىكى پۇقراۋىي كارخانىنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋەكىلى، گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە ئۇنىڭ ئاۋازى ئەڭ ياڭراق، جانلىق بولدى ئۇ: ھەرقايسىڭلار ئېتىبار بېرىڭلار مەن 260 مىليون دېھقان ئىشلەمچىنىڭلا ئەمەس بارلىق ئاساسى قاتلام پۇقرالىرىنىڭ ۋەكىلى دەپ ھەممىنى كۈلدۈرۈۋەتتى، ئۇنىڭ تەكلىپى يەنىلا دېھقان ئىشلەمچىلەر، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى باشقا رايونلاردا راسچوت قىلىشنى تېزلىتىش ، سۇغۇرتا تاپشۇرۇش باشلىنىدىغان يىلنى قىسقارتىش قاتارلىقلار بولدى.

  خەلق ۋەكىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۇلارغا ئۆگىنىش، كۆرەش قىلىش يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى بەردى، ئۇلارغا تېخىمۇ ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر