باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى 150 پارچىدىن ئارتۇق تەكلىپ سۇندى

2014.03.13 10:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېن فېڭ خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى 150 پارچىدىن ئارتۇق تەكلىپ سۇندى. بۇ تەكلىپلەردە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى قىززىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى زىچ چۆرىدەلگەن ھالدا، مەسىلىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى ھەم توغرا ۋە ئېنىق چۈشەنچە بېرىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى بەرگەن تەكلىپلەردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇنداقلا ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىلگەن بولۇپ، تەكلىپلەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى قىززىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە چېتىلىدۇ، بۇلار بىر قەدەر كۈچلۈك ئالدىن كۆرەرلىككە، قاراتمىلىققا، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە.

  ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› ئىستراتېگىيەلىك سىستېما قۇرۇلۇشى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلىق مەزمۇن بولدى. نيۇ رۇجى، ھەلىمە، جياڭ پىڭئەن، فېڭ دۇڭمىڭ قاتارلىق ئەزالار شىنجاڭ قانداق قىلغاندا جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ، دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ ئەقىل كۆرسەتتى.

  ئەزالار يەنە ئۈرۈمچى رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش، شىنجاڭ ئورمانلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمىنى تولۇقلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكىرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرى ھەققىدە تەكلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر