باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2014.03.12 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، مەركىزى بانكا، بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەتلىك تاشقى پرۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى جەمئىيەت كۆڭۈل بولىۋاتقان پۇل-مۇئامىلە مەسىلىسى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش- ئېلىمىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتىدىكى يادرولۇق جەڭ مەيدانى، ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتى چېكىنى قويۇۋېتىش- ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى بىر قەدەم. ھازىر بانكىلارنىڭ ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغانلىقتىن، نۇرغۇن ئامما پۇلىنى بانكىغا قويماي، ئىنتېرنېت تورى پۇل-مۇئامىلىسى قاتارلىق باشقا مەبلەغ سېلىش ۋاستىلىرىنى سىناپ باقماقتا. مەركىزىي بانكىنىڭ باشلىقى جوۋ شاۋچۇەن ئاساسى ۋاقىت جەدۋىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى قويۇۋېتىش چوقۇم پىلان ئىچىدە بولىدۇ، مېنىڭچە، يېقىنقى بىر ئىككى يىل ئىچىدە ئىشقا ئېشىشى ئېھتىمالغا يېقىن، دېدى.

  يەنە بىر پۇل-مۇئامىلە قىزىق نۇقتىسى بولغان پۇقراۋى بانكىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى شياڭ فۇلىن ئالدى بىلەن بىر قەدەر كونكىرىت سىناق لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالى بابا، تىڭشۈن قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىمۇ بار، « ئۇلار تىيەنجىن، شاڭخەي، جېجياڭ،گۇاڭدۇڭدا سىناق قىلدى. ھەر بىر سىناق نۇقتىدىكى بانكىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاز دېگەندىمۇ ئىككى پۇقراۋى كاپتالدىن تەركىب تاپقان. ھازىر تاللىغان بۇ پۇقراۋى كاپىتال سىناق نۇقتا تەييارلىق خىزمىتىگىلا قاتنىشىدۇ، بىز بىرسى پىشىپ يېتىلسە بىرنى تەستىقلاش پىرىنسىپى بويىچە، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز.

  جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى شىياڭ جۈنبو مۇنداق دېدى: گەرچە قېيىنچىلىق بولسىمۇ، ئەمما كېلەر قەدەمدە، سۇغۇرتا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى ئېغىر ئاپەت سۇغۇرتا نىزامىغا پائال تۈرتكە بولىدۇ: 1-تۈزۈم تۈزىدۇ، 2-سىناق نۇقتىنى چىڭ تۇتىدۇ. يۈننەندە ئاساسلىقى ئۆي سۇغۇرتىسى، دېھقانلار ئۆيلىرىنىڭ يەر تەۋرەش سۇغۇرتا سىنىقىنى يولغا قويىدۇ، شىنجىندا ئادەملەر سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. 3- قانۇن تۇرغۇزۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئېغىر ئاپەت سۇغۇرتا نىزامىنى بالدۇر ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر