باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا قىرىم كرىزىسىنى تىنچ ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى

2014.03.12 10:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت مىنىستىرى جېشكا تۈنۈگۈن يەرلىك تاراتقۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئۇكرائىنا قىرىم كرىزىسىنى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئۇكرائىنانىڭ پارلامېنت قاتلىمى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتلىمى رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىز فلوتىنىڭ ئۇكرائىناغا كىرىپ ئورۇنلىشىش مەسىلىسى توغرىسىدا تۈرلۈك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى، لېكىن ھۆكۈمەت قاتلىمى ھازىر بۇ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلمىدى. ئۇكرائىنانىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش.

  يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف تۈنۈگۈن رۇسىيە پىرېزدېنتى پۇتىنغا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىينىڭ 7-مارت رۇسىيەگە ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە تەكلىپ خېتى ئەۋەتكەنلىكى، رۇسىيەنىڭ خەتتىكى كۆز قاراشلارغا ئانچە قوشۇلۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  لاۋروف يەنە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە رۇسىيە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى بىلەن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىجابىي سۆزلەشتى. ھەر قايسى تەرەپلەر: داۋاملىق بىرلىكتە تىرىشىپ ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىدىغان يولنى تېپىپ چىقىشقا ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئەللىرى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە ھەر قايسى تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان لايىھە تۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر