باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا يېمەك – ئىچمەك كەسپىنىڭ ‹‹ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال چېكى›› توختىتىلىدۇ

2014.03.13 10:05         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا–سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سودا–سانائەت تارماقلىرىدىن 15–مارتتىن باشلاپ ، قاراشلىق رايونلاردىكى يېمەك–ئىچمەك كەسپىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ ، ئۆزى ئېلىپ كىرگەن ئىچىملىكلەرنى مەنئى قىلىش ، ئايرىمخانىلاردىن ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ھەققى ئېلىش ، بىر قېتىملىق دېزىفېكسىيەلەنگەن قاچا–قۇچىلاردىن ھەق ئېلىش قاتارلىق زومىگەرلىك قىلىشلىرىنى مەنئى قىلىشنى تەلەپ قىلدى .

  ئىگىلىنىشىچە ، 15–مارت يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان ‹‹ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى ›› نىڭ 26–ماددىسىدا ، تىجارەتچىلەر ھەر خىل بەلگىلىمە ، ئۇقتۇرۇش ، ئېلان قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئەتىنى چەكلەش ، تىجارەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يېنىكلىتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ، ئىستېمالچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېغىرلىتىش قاتارلىق ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئادىل بولمىغان بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشقا بولمايدۇ ، ھەر خىل بەلگىلىمىلەر ۋە تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ، مەجبۇرىي سودا قىلىشقا بولمايدۇ ، دەپ بەلگىلەنگەن ؛ 2014–يىل 9–يانۋار ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ‹‹ ئىچىملىك ئېلىپ كىرىشنى مەنئى قىلىش ۋە ئىستېمالغا چەك قويۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زومىگەر بەلگىلىمە ›› دېگەن ئەدلىيەلىك ئىزاھاتنى ئېلان قىلىپ ، بۇ قىلمىشلارنى توختىتىشنى قانۇن جەھەتتىن قوللىدى .

  2013–يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا–سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەك–ئىچمەك كەسپىدىكى زومىگەرلىكلەرنى توختىتىپ ، ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال چېكى ، بىر قېتىملىق دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچا–قۇچىلاردىن ھەق ئېلىش قاتارلىق ھوقۇققا دەخلى قىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ، مۇئەييەن ئۈنۈم ھاسىل قىلغان .

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا–سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ قېتىملىق ھەرىكەتنى يېڭى ‹‹ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى ›› نى ئاكتىپلىق بىلەن ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى قىلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئەتىگە قاتتىق دەخلى–تەرۇز قىلغان قىلمىشلارنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر