باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرىدۇ

2014.03.12 10:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى مەسىلىسى بويىچە خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكى شۇ جايدىكى قوراللىق توقۇنۇشىۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا مىزانلارغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، 10-مارت جەنۋەدىن ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بېنجىغا يۈرۈپ كەتتى.

  تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ رەئىسى مۇنا شۇ كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش ئۆمىكى بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ئىككى ھەپتە تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەمدە پۇقرالار بىلەن ئەھۋاللىشىدۇ. ئارقىدىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى يازما دوكلات شەكلىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنىدۇ. تەكشۈرۈش ئۆمىكى دوكلاتىدا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلدى دەپ گۇمان قىلىنغانلارنى بۇندىن كېيىن جىنايى ئىشلار جەھەتتىن شىكايەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى دوكلاتقا كىرگۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر