باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل، ئەزالار جۇڭگو ئارزۇسىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇنازىرە قىلدى

2014.03.12 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئارزۇسى تېگى-تەكتىدىن خەلقنىڭ ئارزۇسى، چوقۇم خەلققە يېقىندىن تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككى يىغىندىكى ۋەكىل ئەزالار جۇڭگو ئارزۇسىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشنى قىزغىن مۇنازىرە قىلدى. ئاساسى قاتلامدىن كەلگەن ۋەكىل جاڭ چۇەنشوۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالدى بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇۇرش كېرەك : جۇڭگو ئارزۇسىدا ئىقتىساد بارلىق ئۈستى قۇرۇلمىنى بەلگىلەيدۇ، ئەگەر ئىقتىسادىمىز تەرەققىي قىلمىسا، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەس.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو ئىلىكترون پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى شيۇڭ چۈنلى مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ تولۇقلىمىسىغا تايىنىپ قالماسلىق كېرەك، « بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ھەربىي سانائىتىنىڭ پەن-تەتقىقات تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش كېرەك، ھەرگىزمۇ بىز دۆلەت چوقۇم قوللايدىغان، كاپالەتلىك قىلىدىغان كارخانا دېگەن ئويدا بولماسلىقىمىز كېرەك.

  قەلب بىر يەرگە جەم بولسا، تاغنىمۇ يۆتكىگىلى بولىدۇ. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كۈچلۈك ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى بولۇپلا قالماستىن يەنە مەنىۋى يۇرت-ماكان قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سۇجۇ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دۇ گولىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئېشىنىش كېرەك. مەنىۋىيەت مىللىتىمىزنىڭ داۋاملىق داۋاملىشىشنى بەلگىلەيدۇ. كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلىمەسلىكىمىز، بىر خىل ئاددىي روھى ھالەتتە بولۇشىمىز كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شېنياڭ ھەربىي رايونى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى دېڭ لەيخاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارزۇسى- ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈش ئارزۇسى. ئالدى بىلەن روھىي جەھەتتىن يېتەكلەش كېرەك، ھەر ۋاقىت جەڭگىۋار تۇرۇشىمىز ، ۋەتىنىمىز چاقىرغان ھامان، بىز ھەر قانداق جايغا بېرىپ غەلبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، خەلقنىڭ ساداسىنى ھەر ۋاقىت ئاڭلىشىمىز كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گۇيشى شەھىرى خۇاڭسى كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى گۈي چيەنجىن مۇنداق دېدى: يۇرتداشلارنىڭ ئارزۇسى-ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، كەنت ئاھالىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش، كەنت ئاھالىسىنىڭ يانچۇقىنى توملاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېنىڭ ئارزۇيۇم.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لىياۋ چاڭيۇڭ مائارىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ مۇنداق دېدى: تېخىمۇ كۆپ ئادەم، ئوخشىمىغان رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ئادىل مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشى، ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چوڭ شەھەرگە مەركەزلىشىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر