باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ «ئۈچنى چىڭىتىش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋەكىللەر، ئەزالار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2014.03.12 10:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئۈچنى چىڭىتىش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى كادىرلار ئىستىلىنىڭ يېڭى بايرىقىغا ئايلىنىپلا قالماي، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ھوقۇق يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى ئۆلچىمىنى نامايان قىلىپ، ۋەكىللەر، ئەزالار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  ئىككى يىغىنغا قاتناشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق دەپ ھېسابلاشتى: «ئۈچنى چىڭىتىش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش» ئەمەلىيەتتە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئادەم بولۇش، ياخشى ئىش قىلىشنىڭ ئۆلچىمى، بۇنى كادىلار قوشۇنىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ليۇ مىڭكاڭ ئىلگىرى بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى بېشىدىن كەچۈرگەن، ئۇ ئۇچۇرنىڭ ھەقىقىيلىقىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشتە قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ھوقۇقنى چوقۇم قەپەزگە سولاش كېرەك، بولمىسا كارخانىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىگە زىيان يېتىدۇ. ھوقۇق ئىشلىتىش ئۆتكىلىنى چىڭىتىش جەھەتتە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھېچ بولمىغاندا راست سۆزلەش لازىم.

  ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچىلىكلىكى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچى كادىلار قوشۇنىنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى جۇ خەنمىڭنىڭ قارىشىچە، «ئۈچنى چىڭىتىش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش» كادىلارنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۆلچمىنى تىگىشلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى كۇلۇن قوشۇنى كۇلۇن كەنتى ئۈستۈن ئۇلانگاچا پارتكومىنىڭ شۇجىسى لو خەيتاڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: كادىلار سادىق ۋە سەمىمىي، ئادىل ۋە ھەققانىي بولۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى كادىلارنىڭ ھەر بىر ئىش ھەرىكىتىنى ئامما ئېنىق كۆرۈپ تۇرىدۇ. كۆز بويامچىلىق بىلەن ھېچكىمنى ئالدىغىلى بولمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەرقانداق ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز مەنپەئىتىگە چوغ تارتىش ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ئازار يەتكۈزىدۇ. «ئۈچنى چىڭىتىش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش» ناتوغرا ئىستىلنى تۈزەيدىغان كۈچلۈك دورا.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇتىيىنىڭ ۋەكىلى، چىڭخەي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى خې فىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك، خەلق ئاممىسىمۇ بۇنى كۆرەلەيدۇ، ھېس قىلالايدۇ، بۇ كۆپچىلىكنىڭ سەمىمىي ھېمايىسىگە ئېرىشىۋاتىدۇ. لېكىن جەمئىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭدا قەتئىي چىڭ تۇرالماسلىق ياكىس سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتەلمەسلىكتىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ، قسىمەن كادىلارمۇ ۋەزىيەتنى كۆزىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا باش شۇجىنىڭ سۆزى ئېنىق جاۋاب بولدى، ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئۇنىڭ ئاخىرىقى چېكى بولمايدۇ، بىز ھەرگىز ھازىرقى نەتىجىمىز بىلەن قانائەتلىنىپ قالماسلىقىمىز، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوقۇم ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق دەپ ھېسابلاشتى: «ئۈچنى چىڭىتىش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش» ھەققىدىكى مۇھىم بايانلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنيىتىگە ۋارسلىق قىلىش ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى بىر قاتار بەلگىلىمە ۋە تەلەپلەرنىڭ يىغىندىسى، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەم دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، بۇندىن كېيىن ئىستىل قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم قىبلەنامە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر