باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامراتلىققا جەڭ ئېلان قىلىش، مىللىي رايونلاردىكى نامراتلارنى يۆلەشنىڭ يېڭى ئۈمىدى

2014.03.12 10:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ رايون تەرەققىياتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش، بۇ يىل يېزىلاردىكى نامرات نوپۇستىن يەنە 10 مىليوندىن ئارتۇق ئازايتىش، نامراتلىققا داۋاملىق جەڭ ئېلان قىلىپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلاتمۇ ئەۋلات داۋاملىشىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق ئوتتۇرا قويۇلدى.

  2011-يىلى دۆلەت پۈتۈن مەملىكەتتە 11 مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايوننى ئايرىدى، بۇنىڭغا ئالاھىدە يۆلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئېنىق بېكىتكەن شىزاڭ، 4 ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار رايونى، شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى 2 ۋىلايەت بىر ئوبلاستنى قوشۇپ، بۇ 14 رايوندىكى 680 ناھىيىنى يېڭى باسقۇچتىكى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى قىلدى. بۇ 14 رايوندىكى 680 ناھىيىنىڭ خېلى كۆپ بىر قىسمى مىللىي رايونلار ۋە چىگرا رايونلار. قانداق قىلىپ ھازىر بار بولغان سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا،

  رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ئەزالار قىزغىن مۇزاكىرە قىلغان قىزىق تېمىغا ئايلاندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇفېڭ تۇجازۇ ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى جاڭ چۇڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت قەتئى ئىرادىغا كېلىپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملىششىغا يول قويماسلىقنى قارار قىلغانلىقى نامراتلىقنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگەتمەكچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەن دۆلەتنىڭ بىزنى باشلاپ نامراتلىق بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى كۆردۈم.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى تۇجازۇ مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن لەن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يەرلىك ئاممىنىڭ ئۆز ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرىدە، مىللىي رايونلارنىڭمۇ بازار رىقابىتىگە قاتنىشىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، سىچۇەن ئابا زاڭزۇ چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ فۇياۋ مۇنداق دېدى: كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىش لازىم، ئۆزىمىزنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىمىزنى بەرپا قىلىشقا يار-يۆلەك بولۇپ، باشلامچى كارخانىلار ۋە ئۈلگە ئائىلىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، يەرلىكتىكى ئاممىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يىتەكلەش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش جەمئىيىتىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو ۋېنشىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسى ۋە نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ھەممىسدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى مۇناسىپ تەڭشەش لازىم.

  گو ۋېنشىڭ مۇنداق دېدى: مىللىي رايونلار ئورمانلىق، يايلاق، كان بايلىقى، غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى قاتارلىق مول بايلىق ئۈستۈنلىكىگە ئىگە. زىمىنى كەڭ، نوپۇسى ئاز بولۇش قاتارلىق تەرەققىياتنىڭ كېىيىنكى مەزگىللىك ئۈستۈنلىكى بار. شۇڭا مىللىي رايونلارنىڭ بايلىق ئۈستۈنلىكىگە تايىنىپ، رايون ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر