باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو نامراتلىققا جەڭ ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىشىگە تۆھپە قوشتى(1)

2014.03.12 10:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو 20 نەچچە يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق دۇنيادا ئەڭ كۆپ كۆك نامرات نوپۇسنى ئازايتتى. دۆلەتنىڭ ئەسلىدىكى نامراتلىق سىزىقى بويىچە ھېسابلىغاندا، نامرات نوپۇس 2007-يىلى 14 مىليون 790 مىڭغا ئازايغان. يېڭى نامراتلىق ئۆلچىمى سىزىقى بويىچە بولغاندا، نامرات نوپۇس 2010-يىلىدىكى 122 مىليون 380مىڭ كىشىدىن 2013-يىلى 8 مىليون 249 مىڭغا ئازايغان. خەلقئارالىق نامراتلىق سىزىقى ئۆلچىمى بويىچە ھىسابلىغاندا، نامرات نوپۇس 1990-يىلىدىكى 499 مىليوندىن 2010-يىلى 86 مىليون 400 مىڭغا چۈشكەن بولۇپ، دۇنيانىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان.

  نامراتلىقنىڭ تۈپ ماھىيىتى ئىنساننىڭ ئاساسىي تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا نامراتلىق پەقەت كىرىم جەھەتتىكى نامراتلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۆپ تۈرلۈك نامراتلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  20 يىلدىن كېيىن، جۇڭگو يەنە داۋاملىق 86 مىليون نامرات نوپۇسنى ئازايتىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە زور بىر تۈرلۈك ئىكولوگىيىلىك نامرات نوپۇسنى ئازايتىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ تەبىئى شارائىتى ئىنتايىن ناچار، تەبىئىي بايلىقىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى يىتەرلىك بولمىغان ئىكىلوگىيىسى ئاجىز جايلاردا ياشاۋاتقان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئاساسىي تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى قولدىن كەتكەن نامرات نوپۇس ھېسابلىنىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە ئىكىلوگىيىلىك نامرات نوپۇس ئاز دېگەندە 200 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، ھازىر بار بولغان نامرات نوپۇس ئومۇمىي سانىنىڭ 2 ھەسسىدىن ئاشىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ بىر- بىرى بىلەن كېسىشىش نۇقتىسى باركەن.

  بۇلاردىن باشقا بىز يەنە تۇمان توزاننىڭ بۇلغۇنۇشىغا ئۇچراۋاتقان نوپۇسنى «بۇلغاشقا ئۇچرىغان نامرات نوپۇس» دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ ھەر بىر يىلنىڭ خېلى كۆپ قىسىم ۋاقتىدا تۇمان توزاننىڭ بۇلغۇشىغا ئۇچرىغان ياكى ئاساسىي مۇھىت سۇپىتى ئۆلچىمى قامدالمىغانلىق سەۋەبىدىن ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە ئۇلار كىرىم جەھەتتە نامرات بولمىسىمۇ يەنىلا نامرات دەپ قارىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇلار مەملىكەت بويىچە شەھەر نوپۇسىنىڭ 4 تىن 1دىن، 3 تىن 1 گىچە بولغان قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇلار يېڭى نامرات نوپۇس ھېسابلىنىدۇ. بۇ ساغلاملىققا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق زىيان يەتكۈزىدىغان بىر مەيدان كۆرۈنمەس جەڭ. خۇددى زۇڭلى لى كېچياڭ ئېيتقاندەك، بىز بۇلغىمىغا نامراتلىققا جەڭ ئېلان قىلغانغا ئوخشاش قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك، بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەدىسى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر