10-چىسلا سائەت 21-گىچە گۇمانلىق لەيلىمىلەر ياكى دېڭىز ئاستىدىكى گۇمانلىق جايلار بايقالمىدى
مەملىكىتىمىز 10دەك سۈنئىي ھەمراھنى ياردەمگە ئورۇنلاشتۇردى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كونسۇل مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو شياۋچۇن باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى 10-چىسلا كەچ مالايسىيا كۇئالالۇمپۇر خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ بېرىپ، خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. قاتناش ـ ترانسپورت مىنىستىرلىكى دېڭىزدا قۇتقۇزۇش مەركىزى باش دىجورنىلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جو لىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايروپىلان يوقاپ كەتكەن دېڭىز رايونىدا ئىزدەشكە قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو پاراخوتلىرى 3كە يەتكەن، 11-چېسلا كەچ سائەت ئوندا ئىزدەشكە قاتنىشىدىغان جۇڭگو پاراخۇتلىرىنىڭ سانى 6گە، تىك ئۇچار ئايروپىلانى 3كە يېتىدىكەن.