خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «شىنخۇا نەزىرى» مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، شى جىنپىڭ 9-مارت ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقان. ۋەكىل گو ۋېنسەن ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا سۆزلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاساسىي سىياسەت ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ بولغان، گەپ تەپسىلىي پرىنسىپتا، غەلبە قىلىش ۋە مەغلۇب بولۇشمۇ تەپسىلىي پرىنسىپتا. ئىلگىرىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىش، ئىسلاھات سادالىرى ئىچىدە دۆلەت مۈلكىنى پايدا ئالىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. ئىسلاھاتنىڭ ئاچقۇچى ئاشكارا بولۇشتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى