باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 75 سەنئەت ئىختىساسلىق خادىمىنى نۇقتىلىق تەربىيەلەيدۇ

2014.03.12 10:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مۇپەتتىشى دەي يۆخوڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئىچكى جايلاردىكى ئون ئۆلكە، شەھەردىكى جۇڭگو تاراتقۇ ئۇنىۋېرسىتېتى، مەركىزىي مۇزىكا ئىنستىتۇتى، شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى قاتارلىق 16 ئالىي مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىن مەدەنىيەت-سەنئەت تۈرىدىكى 75 ئىختىساسلىق خادىمنى ھەقسىز نىشانلىق تەربىيەلەپ، ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى چوڭ رايونغا ئايلىنىشنىڭ ئارقا سەپ كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئاساس سالىدىكەن. بۇنىڭغا ئالاقىدار كەسىپلەر دىكتور-رىياسەتچىلىك سەنئىتى، مۇزىكا ئورۇنلاش، ئۇسسۇل ئىشلەش ۋە رېژىسسورلۇق، تىياتىر، كىنو، تېلېۋىزىيە رېژىسسورلۇقى قاتارلىق 20 نەچچە كەسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئومۇمەن بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان بەرسە بولىدىكەن. دەي يۆخوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىمتىھان بەرگۈچىلەر رەسمىي قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، مەكتەپتە كىرىشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىلەن نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش كېلىشىمنامىسىگە ئىمزا قويسىلا، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كېلىشىمگە ئاساسەن ئىش ئورنىنى تاللىيالايدۇ، ئوقۇش مەزگىلىدىكى بارلىق ئوقۇش ھەققى ۋە ياتاق ھەققىنى دۆلەت مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇلتۇرغىچە، شىنجاڭدا ھەر مىللەتتىن بولغان 427 ئوقۇغۇچى بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولدى، نامرات جايلاردىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر