خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-مارت، گېرمانىيە زوڭتوڭى گاۋكې (ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى) ۋە گرىتسىيە زوڭتوڭى (پاپۇلياس) (ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى) بىرلىكتە گرىتسىيەنىڭ غەربىي شىمالىي قىسىمىدىكى لىنجىيادىس كەنتىنى زىيارەت قىلىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ناتسىستلىرى زىيانكەشلىك قىلغان بۇ كەنتتىكى 93 نەپەر گۇناھسىز پۇقرانى ياد ئەتتى. گېرمانىيە زوڭتوڭى گاۋكې 7-مارت گرىتسىيەدىكى زىيارىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ناتسىستلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ، بۇ ئارقىلىق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گرىتسىيە دۆلەت ئىچىدىكى قەرز كرىزىسى ۋە ياردەم قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان گېرمانىيەگە قارشى كەيپىياتنى پەسەيتمەكچى بولدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى