باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالىك سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن قاتارنى ئىراققا ئۇرۇش ئېلان قىلدى دەپ ئەيىبلىدى

2014.03.10 17:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراقنىڭ باش مىنىستىرى مالىك 8-مارت سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن قاتارنىڭ ئىراقتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەرنى قوللىغانلىقىنى ئەيىبلەپ،بۇ ئىراققا ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقتىن باشقا ھەرىكەت ئەمەس دېدى. مالىك شۇ كۈنى فرانسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىراقتىكى دېنى مەزھەپ زىددىيىتى،تېررورلۇق ھۇجۇم ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە يولۇقۇۋاتقان كرىزىسلەر سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە قاتار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئىككى دۆلەت سۇرىيە كرىزىسى ۋە بىۋاسىتە قوللاش شەكلى ئارقىلىق ئىراققا ھۇجۇم قىلماقتا. بۇ ئەمەلىيەتتە سۇرىيە،ئىراققا ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق.ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن قاتار مالىكنىڭ ئەيىبلىشىگە تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر