باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى تېز تەرەققىيات شىنجياڭنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى

2014.03.10 18:07        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ئۆزبەك ۋەكىل مۇختەبەر سادىق مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بانكا ئامانەت قەرز قالدۇقى 1 تىرلىيون 40 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، %25.2 كۆپەيتىدى. ئامانەت قويۇلغان پۇل بىلەن قەرز نىسبىتى %72.8 بولۇپ، تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن ئاشتى. مەركەزنىڭ شىنجياڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، شىنجياڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. جەنۇبىي شىنجياڭدىكى 2 ۋىلايەت بىر ئوبلاستنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  ۋەكىل مۇڭختەبەر سادىق مۇنداق دېدى: ھازىر پۇل مۇئامىلىنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللىشىدا يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى. رايون پۇل مۇئامىلە مۇھىتى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ياخشى-يامانلىقى، تېز-ئاستىلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئۆتكەن بىر يىلدا شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى تېز تەرەققىيات ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى.

  مۇختەبەر سادىق يەنە: ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قانۇنى تېزدىن تۈزۈلسە، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇكەممەل بولغان ئۇچۇرلاشقان پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقىقا قارشى تۇرۇش مىخانىزىمى بەرپا قىلىنىپ، مۇئامىلىدارلار مەبلىغىنىڭ بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋپى تۆۋەنلىتىلسە، دەپ تەكلىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر