باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

فېڭ جيەنشىن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى ئۈستىدە توختالدى

2014.03.10 18:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، گەنسۇ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى فېڭ جيەنشىن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم رولى ئۈستىدە توختالدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى قۇرۇش ئېلىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەپ، رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، يەنە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، غەربىي رايونلار بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىدەك مۇھىم دۆلەت ئىستراتېگىيىسىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خىزمەت مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاشتىكى بىر يېڭى سەددىچىن سېپىلى بولىدۇ.

  فېڭ جيەنشىن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قايسى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغىدىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغىنىڭ ھاۋا، تاشيول ۋە يەر ئاستى بىرلەشتۈرۈلگەن ئىستراتېگىيىلىك چوڭ يولىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لەنجۇ بۇ ئىقتىساد بەلۋىغىنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسى ۋە تۈگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم. كەلگۈسىدە لەنجۇ شەرىقتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى تۇتاشتۇرىدىغان، جەنۇپتا سىچۇەن، چۇڭچىڭ، چىڭخەي، شىزاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان، شىمالدا نىڭشيا، ئىچكى مۇڭغۇلنى تۇتاشتۇرىدىغان، غەرىپتە شىنجياڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تۇتىشىدىغان رايون خاراكتېرلىك مال ئوبوروت مەركىزىي ۋە خەلقئارا مال ئوبوروت يەتكۈزۈش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر