باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ گېرمانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوشۇمچە ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى گابرىئىل بىلەن كۆرۈشتى

2014.03.31 09:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن دۇسسېلدورفتا گېرمانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوشۇمچە ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى، گېرمانىيە سوتىسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى گابرىئىل بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىقتىساد سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى، بۇنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مېنىڭ بۇ قېتىمقى گېرمانىيەدىكى زىيارىتىمدە، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكتىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىلىك مۇناسىۋەتكە ئۆستۈرىدۇ، بۇنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ موللىشىدۇ، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىگىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولغانلىقىنى، كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە پۇل-مۇئامىلە قوشۇلغان چوڭقۇر ھەمكارلىشىدىغان مۇناسىۋەت. جۇڭگو يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋيلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ. بۇ جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ گېرمانىيە سوتىسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تارىخي تۆھپە قوشقانلىقىغا ئىجابىي باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى باراۋەر بولغان، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىگەن ئاساستا گېرمانىيە سوتىسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئۆز-ئارا چۈشۈنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئېتبار بېرىدۇ، چۈشىنىش بولغاندىلا ئاندىن يېڭى تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ، ھەمكارلاشقىلى بولىدۇ. گابرىئىل رەھبەرلىك قىلغان گېرمانىيە سوتىسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تۈنۈگۈن شى جىنپىڭ يەنە شىمالىي ۋىستفالىن ئىشتاتىدىكى دۇيىسبۇرگ پورتىنى كۆرگەزمە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر