باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بېلگىيەدىكى 3 كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2014.03.31 09:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېلگىيە پادىشالىقىنىڭ پادىشاھى فېلىپنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ ۋاقتا 30-مارت چۈشتىن كېيىن، بېلگىيەگە قىلغان 3 كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ شۇنداقلا رەئسىى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى.

  بۇ قېتىمقىسى رەئسى شى جىنپىڭنىڭ ئىككىنچى قېتىم بېلگىيەدە زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرىنىڭ 27 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بېلگىيەدە زىيارەتتە بولۇشى. شۇڭا بېلگىيەدىكى ھەرساھە ئەرباپلىرى بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بولمەكتە. جۇڭگونىڭ بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لياۋ لىچياڭ رەئسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم بېلگىيەدە زىيارەتتە بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بېلگىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى شۇنداقلا ياۋروپا ئەللرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاي. جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى. رەئسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم بېلگىيەدە زىيارەتتە بولۇشى چوقۇم جۇڭگو-بېلگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-بېلگىيە مۇناسىۋىتى تارىخىدا يېڭى مۇھىم ناماياندا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر