باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ باشلىقى ئۇچۇشتىن بۇرۇن سىرلىق ئايال بىلەن تېلىفونلاشقان

2014.03.25 14:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالايسىيا تەرەپ بۇ ئۇچۇرنى ناھايىتى مۇھىم يىپ ئۇچى دەپ قارىغان بولۇپ، چۈنكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ھەر قانداق كىشى مالايسىيادا ‹ ئالەم بوشلۇق كارتىسى› دېيىلىدىغان يانفون SIM كارتىسى سېتىۋالغاندا چوقۇم سالاھىيەت كىنىشكىسى ياكى پاسپورت نومۇرى ئارقىلىق بېجىرىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ھەر بىر يانفون نومۇرىنى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگىلى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەن.

  ئەنگلىيە ‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›نىڭ تور بەت خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مالايسىيا ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئايروپىلان باشلىقى ئۇچۇشتىن بىر سائەت ئىلگىرى مەلۇم بىر سىرلىق ئايالنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇلار تېلېفوندا ئالاھازەل 2 مىنۇت سۆزلەشكەنىكەن. تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، بۇ سىرلىق ئايالنىڭ يانفون كارتىسى ساختا سالاھىيەت كىنىشكىسى ئارقىلىق ئەنگە ئالدۇرۇلغانىكەن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مالايسىيا ساقچى تەرەپ بۇ ئۇچۇرنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن كۇئالالۇمپۇردىكى مەخسۇس يانفون SIM كارتىسى ساتىدىغان دۇكانغا بېرىپ ئەھۋال تەكشۈرگەندە، مەلۇم بىرسىنىڭ ئايال كىشى سالاھىيىتىدە يانفون كارتىسى بېجىرگەنلىكىنى، ھەم بۇنى بېجىرىش ئۈچۈن ساختا سالاھىيەت كىنىشكىسى ئىشلەتكەنلىكىنى بايقىغان.

  مالايسىيا تەرەپ بۇ ئۇچۇرنى ناھايىتى مۇھىم يىپ ئۇچى دەپ قارىغان بولۇپ، چۈنكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ھەر قانداق كىشى مالايسىيادا ‹ ئالەم بوشلۇق كارتىسى› دېيىلىدىغان يانفون SIM كارتىسى سېتىۋالغاندا چوقۇم سالاھىيەت كىنىشكىسى ياكى پاسپورت نومۇرى ئارقىلىق بېجىرىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ھەر بىر يانفون نومۇرىنى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگىلى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەن. ئىگەللىنىلىشىچە، مالايسىيادىكى بىر قىسىم ئۆكتىچىلەر ھەمىشە مۇشۇ خىل ‹ ئالەم بوشلۇقى كارتىسى› نى ئىشلىتىپ تېلېفون قىلىشىدىغان بولۇپ، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلىشىدىن موداپىئەلىنىدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئايروپىلان باشلىقىنىڭ ئاللىقاچان خوتۇنى بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشى ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئەر خوتۇن ئىككىسى ئايرىلىپ كەتكەنىكەن، لېكىن ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئىككىسى بالىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقانىكەن، مالايسىيا ساقچى تەرەپ ئەمدى ئايروپىلان باشلىقىنىڭ ئايالى بىلەن سۆزلىشىپ، بۇ ئايروپىلان باشلىقىنىڭ ئۇچۇشتىن ئاۋۋالقى كەيپىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى پىلان قىلىۋاتقانىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر