- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاۋسترالىيە دېڭىز بىخەتەرلىكى ئىدارىسى ھاۋا رايى ئەھۋالى ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن ئىزدەش خىزمىتىنىڭ ۋاقىتلىق توختىغانلىقىنى جاكارلىدى
2014.03.26 17:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئاۋسترالىيە دېڭىز بىخەتەرلىك ئىدارىسى 25-مارت چۈشتىن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىزدەشكە ئالاقىدار رايونلارنىڭ ھاۋا كىلىماتى ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ كۈنى ئەسلىدە بېكىتىلگەن ئىزدەش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىغا سۈرۈلگەنلىكىنى، نەخ مەيداندا ئىزدەش خىزمىتىنىڭ توختاش ھالىتىدە تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاۋسترالىيە دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە ئاۋسترالىيە ھاۋا رايى ئىدارىسى بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن ،مۇنداق دېدى: ھاۋا رايى ئەھۋالى 25-مارت كەچتە ياكى كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ھاۋا رايى شارائىتى ياخشىلانسا، ئىزدەش خىزمىتى 26-مارت ئەسلىگە كېلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر