باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى: ئۆي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشى خام خىيال

2014.03.25 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھازىر شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئېبىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا «ئۈچ 100 مىليون كىشى» مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ تۇرالغۇغا بولغان مۇتلەق ئېھتىياجنى قوزغايدۇ.

  2013-يىلى ئۆي-زېمىن سېلىنمىسى مەملىكەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى مىقدارىنىڭ %20 ىنى ئىگىلىدى. بۇ يىل بىز GDP (ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى)نىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى %7.5 تە ساقلاش، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن 10 مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۇنداق ئەھۋالدا، ئۆي باھاسىنى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىدۇ، دېيىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.

  ھازىر بەزىلەر ئۆي باھاسى چوقۇم شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇنداق، مۇنداق...دەپ قارايدۇ، لېكىن مېنىڭچە ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خام خىيال.

  ئۆي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشى نېمىگە مۇناسىۋەتلىك؟ خەلقئارادىن قارىغاندا، ئۆي باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشى شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىر دۆلەتنىڭ شەھەر-بازالىشىش نىسبىتى %60 تىن ئېشىپ كەتكەندە، ئاندىن ئۆي باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ ئۆي باھاسىدا تەۋرىنىش كۆرۈلگەندە، ئۇنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى %70تىن ئېشىپ كەتكەنىدى. ياپونىيەنىڭ ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكچىلىكىنىڭ بەرباد بولۇشىدىكى سەۋەب شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى %67 تىن ئېشىپ كەتكەنىدى. ياۋروپادا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشىمۇ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتىنىڭ %65 تىن ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان. ھازىر جۇڭگونىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتىدىن قارىغاندا، ئۆي بازىرىنىڭ ۋەيران بولۇش نۇقتىسى تېخى يىراقتا.

  ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يىل «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا «ئۈچ 100 مىليون كىشى» مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شەھەر-بازارلىشىش جەريانىدا، بۇ «ئۈچ 100 مىليون كىشى» تۇرلغۇ ئۆيگە بولغان مۇتلەق ئېھتىياجنى قوزغايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر