باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا، كەسپىي تېخنىكوملارغا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

2014.03.28 17:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارخىزمىتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن ئوتتۇرا، كەسپىي تېخنىكوملارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار 20 – مارتتىن 10 – ئاپرېلغىچە ئۆزىنىڭ مەكتىپى ياكى نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى مائارىپ ئىدارىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن، تىزىمغا ئالدۇرغان ئوقۇغۇچىلار 20 – ئىيۇندىن 22 – ئىيۇنغىچە، 2014 – يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان سەۋىيە سىناش بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىكەن.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش بېسىمىنى يەڭگىللىتىش، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى 27 ئالىي كەسپىي تېخنىكوم ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ئۈلگىلىك ئوتتۇرا، كەسپىي تېخنىكوملاردىكى بازارلىق كەسىپلەرگە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن 2000نى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان، پىلان بويىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق، سۇچىلىق، قاتناش – تىرانسپورت قاتارلىق 11 چوڭ تۈردىكى 31 كەسىپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلاردىن دۆلەت ئوقۇش ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىدىكەن، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن، ئۇلاردىن ياتاق، ماتېرىيال ھەققى ئېلىنمايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر