باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بازىرى مەركەزلىك تۈزىتىلىدۇ

2014.03.28 17:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28 – مارتتىن باشلاپ، شىنجاڭدا بەش ئاي داۋاملىشىدىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ‹‹بەش خىل تۈزەش›› مەخسۇس ھەرىكىتى رەسمىي باشلىنىپ، نۇقتىلىق تۈردە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تىزىملىتىشنى ساختا مەلۇم قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش، تەشۋىقاتتا ئاشۇرۇۋېتىش، كىنىشكىسىز مەھسۇلات ئىشلىتىش قاتارلىق بەش خىل قىلمىش تۈزىتىلىدۇ.

  26 – مارت، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك – دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ‹‹ئېچىۋېتىلگەن كۈن›› مەخسۇس پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى، پائالىيەتتە ئاپتونوم رايوندىكى كەسىپلەر ئىستىلىنى نازارەت قىلغۇچىلار، مۇخبىرلار ۋە مەھەللە ۋەكىللىرى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كارخانىلىرى، تېخنىكا ئاپپاراتلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت قىلىش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، كەسىپلەر تەرەققىياتى ۋە نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك – دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئىستېمالچىلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشى، قارىغۇلارچە سېتىۋالماسلىقى ۋە ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. سېتىۋالغاندا سالاھىيىتى بار ئورۇنلارنى تاللاپ، مەھسۇلاتنىڭ تىزىملىتىش نومۇرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي كۆرۈشى، شۇنداقلا تالون ۋە سېتىۋېلىش ئىسپاتى ئېلىۋېلىپ، ياخشى ساقلىشى كېرەك. ئىستېمالچىلار ئەگەر قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋاللارنى بايقىسا، 12331 قىزىق لىنىيە تېلېفونىغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ ئەرز قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر