- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تۇرپاندىكى بىر شىركەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىدىن 240 مىليون تۆلەم تەلەپ قىلدى
2014.03.27 20:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن شىنجاڭ تۇرپان تيەنشېڭخې شىركىتى (تۆۋەندە تيەنشېڭخې شىركىتى دەپ قىسقارتىلىدۇ) دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مەشىق ئىدارىسىدىن (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ مەشق ئىدارىسى دېيىلىدۇ) 240 مىليون يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلىش ئەرزىگە بېيجىڭ شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلدى. تيەنشېڭخې شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، مەشىق ئىدارىسى 5 مىنىستىرلىك-كومىتېت چەكلەش ھۆججىتى چۈشۈرگەندىن كېيىنمۇ ئۆزىگە «دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مەشىق ئىدارىسى ھەمكارلىق ھەمراھى»، «مەشىق ئىدارىسى دۆلەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرگە بەلگىلىگەن پەمىدۇر قىيامى» بەلگىسىنى ئىشلىتىشكە ھوقۇق بېرىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سېتىلىشتىن توختىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان (گېزىتىمىزنىڭ 2013-يىل 11-ئاينىڭ 29-كۈندىكى خەۋىرى). مەشىق ئىدارىسى سوتتا بەش مىنىستىرلىك-كومىتېتنىڭ ھۆججىتى قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان تاشقى سەۋەب بولغاچقا، مەشىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمەسلىكى كېرەك، دەپ قارىدى، ھەمدە تيەنشېڭخې شىركىتىنىڭ ئالدامچىلىق ۋە كەينىگە سۆرەش قىلمىشى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر