باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2014.03.27 16:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېھرىگۈل تۇردى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 – يىغىنى 25 – مارت ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى. يىغىندا 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى>نى يولغا قويۇش ھەققىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى››نىڭ ئىجراسى ھەم ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنى›› بىلەن ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى››نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئاساسلىق روھ ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› ھەم يىغىن ماقۇللىغان باشقا دوكلات ۋە قارار – بەلگىلىمىلەردە مەركەزلىك ئىپادىلەندى. يىغىن مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ۋەكىللەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تولۇپ – تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە پارتىيەنىڭ خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدى، ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، تۈرلۈك قارارلارنى ماقۇللىغاندا قول كۆتۈرۈپ، تەنتەنىلىك ھالدا بېلەت تاشلاپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بىز 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىنىڭ روھىنى ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تىكى ئاساسلىق روھ ۋە ئاساسلىق ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىگىلىشىمىز لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، شۇجى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان كونكرېت تەلەپنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز نۆۋەتتە قانات يايدۇرۇۋاتقان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى>نى يولغا قويۇش ھەققىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى››نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاپپار ھەبىبۇللا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنى›› ۋە ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى››نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ما مىڭچىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن فېنشىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى خىزمەت تارماقلىرى، ھەرقايسى ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  25 – مارت چۈشتىن كېيىنكى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە، ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى›› بىلەن ‹‹سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كىرىمنىيلىق ياغاچ تاش قاتمىسىنى قوغداش – باشقۇرۇش نىزامى>نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى›› ھەققىدىكى تەكلىپ تەكشۈرۈلدى، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش – ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ ھەم ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى>نى يولغا قويۇش ھەققىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى››نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلات قاراپ چىقىلدى.

  مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل تۇردى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 – يىغىنى تۈرلۈك كۈنتەرتىپلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 26 – مارت چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئاياغلاشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نىزامى››نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار، ‹‹سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كىرىمىنىيلىق ياغاچ تاش قاتمىسىنى قوغداش، باشقۇرۇش نىزامى>نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى››نى تەستىقلاش ھەققىدىكى قارار ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغان، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلىدىغان كادىرلار ئىسىملىكى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق ھالدا چىڭ تۇرۇشىمىز، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا بولغان سىياسىي نىشانىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم؛ مەركىزىي خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيلىققا مۇلازىملىق قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قانۇن بويىچە قوغداشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، 2 – تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى بىلەن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى ئوبدان قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. دائىمىي كومىتېتنىڭ 2014 – يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى، دائىمىي كومىتېت يىغىنلىرىنىڭ كېڭىشىش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسى ۋە ھەقىقىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنى ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولغىدەك تەدبىر بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش›› دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، مۇتەللىپ قاسىم، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇنلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن فېنشىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر