باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

29-مارتتىن باشلاپ شىنجاڭلىقلار تورغا چىقىپ شەخسىي ئۇچۇرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ

2014.03.26 15:45         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  29-مارتتىن باشلاپ ، كىملىك نومۇرى 65 دىن باشلىنىدىغان شىنجاڭلىقلار تورغا چىقىپ كرېدىت شەخسىي ئۇچۇرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ ، تەكشۈرۈش ئادرېسى https://ipcrs.pbccrc.org.cn .

  25-مارت ، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە ، 2014-يىلى 29-مارتتىن باشلاپ ، شىنجاڭدا شەخسلەرنىڭ كرېدىت ئۇچۇرىنى توردا تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى ئېچىۋېتىلىدىكەن .

  2013-يىلى ، جياڭسۇ ، سىچۈەن ، چۇڭچىڭ ، بېيجىڭ ، شەندۇڭ ، لياۋنىڭ ، خۇنەن ، گۇاڭشى ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق توققۇز ئۆلكىدە ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق شەخسلەرنىڭ كرېدىت ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى ئېچىلىپ ، ياخشى نەتىجە يارىتىلغان . جۇڭگو خەلق بانكىسى مۇلازىمەت دائىرىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيتىش ئۈچۈن ، 2014-يىلى مۇلازىمەت دائىرىسىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق جايلارغا كېڭەيتىدىغان بولۇپ ، شىنجاڭ 2014-يىلى بۇ مۇلازىمەت كېڭەيتىلىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆلكىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىكەن .

  شەخسىي ئۇچۇر دوكلاتىدا مۇئامىلىدارلار بىلەن بانكا ئارىسىدىكى بارلىق كرېدىت سودا ئۇچۇرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ ، پەقەت بانكىدا كرېدىت كارتىسى بېجىرىش ، قەرز ئېلىش ، كېپىل بولۇش كەسپىنى بېجىرگەنلەر ئارىسىدا مۇئامىلىدار كرېدىت دوكلاتى شەكىللىنىدىكەن . ‹‹ كرېدىت باشقۇرۇش نىزامى ›› دىكى بەلگىلىمىدە ئېيتىلىشىچە ، شەخىسلەر ئۇچۇرىنى بىر يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم ھەقسىز تەكشۈرەلەيدىكەن ، ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق تەكشۈرگەنلەر ھەق تاپشۇرىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر