خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت سىمفىروپول، موسكۋا ۋە كىيېۋدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇكرائىنا ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 24-چېسلادىن باشلاپ، رۇسىيە رۇبلىسى قىرىمدا رەسمىي ئوبوروتقا سېلىنىدىكەن، ھەمدە تەدرىجىي ھالدا ئۇكرائىنا پۇلى گرىۋنىيانىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئوبوروتقا سېلىنغان تۇنجى كۈنىدە، رۇبلىنى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ بولمىغان. بانكىدىن پۇل ئالغانلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ يەنىلا گرىۋنىيانى ئالغان ، ھەمدە نۇرغۇن سودا ئورۇنلىرى تېخى رۇبلى باھاسىنى ئىشلىمىگەن. (مۇخبىر شيې ياخۇڭ، جاڭ شياۋدۇڭ، لىن شۆدەن خەۋىرى)
مەنبە: خەلق تورى