باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ يەر ئىشلىتىش مەسىلىسىدىن 20نەچچە مېڭى بايقالدى

2014.03.24 17:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئېلان قىلىنغان 2013-يىللىق دۆلەت زېمىن نازارەتچىلىك ئېلانىدىن ئايان بولۇشىچە، 2013-يىلى مەملىكەت بويىچە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەرنى ئىشلىتىش باشقۇرۇشى جەھەتتە 20نەچچە مىڭدىن ئارتۇق مەسىلە ساقلانغان. ئۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەت بويىچە 34 شەھەر، 2147گېكتار يەرگە قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ تەستىقلاش رەسمىيىتى بېجىرىلگەن، يەر تۆلىمى تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى جايىدا بولمىغان، 14 شەھەردە بىر مىليارد 882مىليون يۈەن يەر تۆلىمى تولۇقلىمىسى نېسى قالدۇرۈلغان، بۇ كىشىنى چۆچۈتىدىغان ساننىڭ ئارقىسىدا، يەنە قانچىلىك يەر يوقاپ كەتتى؟ قانچىلىك پۇقرانىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىدى؟

  2014-يىلى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تۇنجى يىل، ھۆكۈمەتنىڭ نەتىجە قارىشىدا ھەقىقىي بۇرۇلۇش ياساپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياساشنى تېزلىتىپ، «قىزىل باشلىق ھۆججەتنى ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلدۇرۇش»،« ھەممە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە يول قويۇش» تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، نىشاندىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ھۆكۈمەتتە ھوقۇق قانۇندىن ھالقىپ كېتىش، ھوقۇقنى قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىش تېگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر قىسىم رەھبىرى كادىرلارنىڭ قانۇنچىلىق ئېڭىنىڭ سۇسلىقىدىن بولدى، مەمۇرى تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنىلا قاتتىق نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىش كېرەك. 20نەچچە مىڭدىن ئارتۇق يەر مەسىلىسىنىڭ ئاشكارلىنىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ بىزمۇ بۇنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتمەكتىمىز.

  ھەقىقىي تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى تىگىشلىك بەدەل تۆلەتكەندىلا، ئاندىن كۈچلۈك تاشقى چەكلىمە شەكىللەندۈرگىلى، يەر باشقۇرغۇچىلارنى چوڭقۇر ئاگاھلاندۇرغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر