باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا تەرەپ جەنۇبىي قىسىم كارىدورىدا مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى داۋاملىق ئىزدىمەكتە

2014.03.26 17:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئاق ساراي دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن ياردەمچىسى رۇسى 24-مارت قەرەرلىك ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي قىسىم كارىدورىدا مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى داۋاملىق ئىزدەۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلاندىكى خادىملارنىڭ تەقدىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىسپاتلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباماغا ھەمراھ بولۇپ گوللاندىيەدە 3-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان رۇسى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپ مالايسىيا ھۆكۈمىتىنى ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئايروپىلانىنىڭ كونكرېت ئورنىنى بېكىتىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەھەتلەردە داۋاملىق قوللايدۇ. ئامېرىكا قوشما شتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسىمۇ مالايسىيا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى، ئامېرىكا دۆلەتلىك تىرانسپورت بىخەتەرلىك كومىتېتى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ باشقا تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىگە ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر