باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگىلىيە بوشلۇق ئاۋارىيىسىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى مالايشىيا تەرەپنىڭ خۇلاسىسىگە باھا بېرىشنى رەت قىلدى

2014.03.25 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قانىلىمىزنىڭ 24-مارت لوندوندىن بەرگەن خەۋىرى، مالايشىيا زۇڭلىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا قارىتا، ئەنگلىيە بوشلۇق ئاۋارىيىسىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى، مالايشىيا زۇڭلىسىنىڭ دېگىنىدەك، ئەنگىلىيە بوشلۇق ئاۋارىيىسىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى سۈنئىي ھەمرا تەشكىلاتى بىلەن بىرلىشىپ، سۈنئىي ھەمرا سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ نۇقتىلىق ئىزدەش رايونىنى بېكىتتى. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ھەرىكىتىگە مالايشىيا ھۆكۈمىتى باش بولدى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەتىجىە توغرىسىدا بىز ھازىرچە باشقا باھا بەرمەيمىز.

  مۇخبىر ئەنگىلىيە بوشلۇق ئاۋارىيىسىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇل تارمىقى ئەنگلىيە تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلاشتى. مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى مۇنداق دېدى، بوشلۇق ئاۋارىيىسىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئەنگىلىيە چېگراسى سىرتىدىكى ھاۋا قاتنىشى ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئايروپىلاندا ئەنگىلىيەدە ياسالغان ھەرقانداق بىر دېتال بولسىلا، بۇ باشقارما تەكشۈرۈشكە ياردەملىشىدۇ، «بۇ نورمال تەرتىپ» ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدە يېرى يوق.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر