باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

3- نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2014.03.25 10:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن گوللاندىيەنىڭ گائاگادا ئېچىلدى. ساھىبخان دۆلەت گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ئۈچ تەرەپنىڭ نىشانى- دۇنيا دائىرىسىدە يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ سانىنى ئازايتىش، تېخىمۇ ئىجابىي يادرو بىخەتەرلىكى مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يادرو بىخەتەرلىكى كاپالىتى تۈزۈمىنى كۈچەيتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكېمون يىغىندا ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى يادرو بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئەڭ بالدۇر ھەرىكەتكە كەلگۈچىلەرگە ئايلىنىشىقا دەۋەت قىلدى ھەمدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشلىقلار يىغىنى يەر شارى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن زۆرۈر ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ھېسابلىدى.

  بۇ قېتىملىق يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنى 2010-يىلىدىكى ۋاشىنگتون يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنى، 2012-يىلىدىكى سېئۇل يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىنكى 3- قېتىملىق يىغىن. 50 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن رەھبەرلەر ياكى ۋەكىللەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاپپاراتى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى بىرلىكتە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنى «يادرو بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، يادرو تېررورىزىمدىن مۇداپىئەلىنىش» دېگەن تېمىدا بولۇپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل، ئۇ ئومۇمىي يىغىن، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان مەخسۇس تېمىلىق مۇزاكىرە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر