باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا ئايروپىلان ئىزدەش جەريانىدا جۇڭگونىڭ «مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى»نى ھېس قىلدى

2014.03.26 17:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23 – مارت، مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدەش 16 – كۈنىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، جۇڭگو يەنىلا ئۈمىدىنى ئۈزمەي پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملىق ئىزدىدى ھەم ھەمكارلاشقۇچىلىرىنى قىممەتلىك ئۇچۇر ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. دۇنيا جۇڭگونىڭ بوشاشماي تىرىشىپ، ئۆز خەلقى ۋە باشقا ئەل خەلقى ئالدىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ‹‹تاشلىۋەتمەسلىك، ۋاز كەچمەسلىك›› روھىنى نامايان قىلغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورچىسى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە كۆرسەتكەن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى خەلقئارادىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. «ۋال كوچىسى گېزىتى» تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان «جۇڭگونىڭ سۈنئىي ھەمراھى ھىندى ئوكياننىڭ جەنۇبىدا غايەت زور لەيلىمىنى بايقىدى»، «جۇڭگونىڭ <قار ئەجدىھاسى> ناملىق مۇز يارغۇچى پاراخوتى دېڭىزدا ئىزدەش – قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى» قاتارلىق خەۋەرلەر ئوقۇرمەنلەرگە جۇڭگونىڭ ئىزدەش – قۇتقۇزۇش جەريانىدىكى تىرىشچانلىقى ۋە تىز پۈكمەس روھىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 23 – مارتتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ سۈنئىي ھەمراھى تارتقان سۈرەت يەنە بىر يېڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگونىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلىشتەك روھىنى نامايان قىلدى.

  ھازىر دېڭىز شارائىتىنىڭ ناچار بولۇشى تۈپەيلى، MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدەش قاتمۇ قات قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا. لېكىن قىيىنچىلىق جۇڭگو ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى تەۋرەنمەس ھەرىكىتىنى قەتئىي توسۇيالمايدۇ. كىشىلەر جۇڭگو ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلاننى تېزرەك تېپىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر