باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنى بۇ يىل تىببي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنى بېكىتتى

2014.03.26 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا مونۇلار كۆرسىتىلدى: بىرىنچى، پۈتۈن خەلقنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېما قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئاساىي كاپالەت بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ باغلىنشىنى ياخشىلاپ، ئالاھىدە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي كېسەللەرنى داۋالاش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش؛ داۋالاشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سېستىمىسى قۇرۇپ، باشقا جايلاردا داۋالانسىمۇ شۇ ھامان ئاتچوت قىلىپ بىرىش تۈزۈمىگە تۈرتكە بولۇش. ئىككىنچى، دۆلەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش. بۇ يىل ناھىيە دەرىجىلىك دۆلەت دۇختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى %50 تىن ئارتۇق ناھىيەنى قاپلايدۇ. دۆلەت دۇختۇرخانىلىرىنىڭ كۆلىمىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش، داۋالاش مەنبەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش، دەرىجىلەپ داۋالاش ۋە قوش يۆنىلىشلىك داۋالاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىمارلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىلا داۋالىنىشىغا شارائىت ھازىرلاش. ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دۇختۇرخانا ئېچىشىنى تەرتىپلىك قويۇپ بېرىش. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى نۇقتىسىنى بېكىتىش، ئۇنۋان باھالاش، دەرىجىسىنى باھالاش قاتارلىق ئىشلاردا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، دۇختۇرلارنىڭ كۆپ يەردە ئىشلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شېرىكچىلىك ھەمكارلىق ئاساسىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ چەتئەل مەبلىغىگە پاي ئىگىلەش نىسبىتىگە چەك قويۇشنى ئازايتىش لازىم. تۆتىنچى، ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا دۇختۇرلىرى قوشۇنىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، چەت-يىراق، جاپالىق جايلاردىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى دۇختۇرلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. بەشىنچى، دورا ئوبوروت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بىرىپ، دورا باھاسىنىڭ ساختا ئۆسۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. يىغىندا يەنە، تىببي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئۇزۇن مەزگىللىك مۇرەككەپ جەريان، ھەر قايسى جايلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، پائال ئىزدىنىپ، خەلق ئاممىسىنى تىببي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمان قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر