باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قەشقەر «خەلق» باغچىسىدا ياڭرىغان ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق مېلودىيەسى(2)

2014.03.29 01:49   مەنبە: خەلق تورى

قەشقەر «خەلق» باغچىسىدا ياڭرىغان ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق مېلودىيەسى(2)

  لى خانىم بىلەن گو ليەنشياڭ (شىبە) ئىككىسى بۇ مەيداندا تانسا ئويناش ئارقىلىق تونۇشۇپ قالغان بولۇپ، تانسا خۇمارى ئۇلارنى بۇ يەردىكى ئىناق دوستلارغا ئايلاندۇرغان. زەيتۇنە ھاجى شەھەرلىك 35 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن پېنسىيەگە چىققان بولۇپ، ئۇ كۈندە بۇ يەردە سەيلە قىلغاچ، قەرت، تانسا ئويناۋاتقانلارنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇشال بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

  ـــ مېنىڭ مەريەم دەپ بىر دوستۇم بار ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە تونۇشۇپ قالغان، ئۇ تانسىغا بەكمۇ ئۇستا. بۇ تانسا سورۇنى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق سورۇنى بولۇپ قالدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەردە «خەلق» باغچىسى مەيدانىدا ياڭرىغان شادىيانە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى خېلى يىراقلاردىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى. شۇ تاپتا باغچە مەيدانىدا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل تازا ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، بىرەر مىڭدەك ئادەم مەيداندا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق كىشىنى چۆرىدەپ چاۋاك چېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇسسۇللىرىغا جۆر بولۇۋاتاتتى.

  چاچلىرىغا ئاق كىرگەن 60 ياشلاردىكى بىر خەنزۇ ئايال ياندىكى ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن قول ھەرىكەتلىرىدە ئۇسسۇل مۇزىكىسىغا تازا كەلتۈرۈپ ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە بىر 50 ياشلاردىكى خەنزۇ ئايال، نېرىدىراق ئىككى خەنزۇ ئەرمۇ ئۇيغۇر يىگىتلىرى بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى.

  ـــ مېنىڭ ئىسمىم يۈەن خوڭيىن ، مەن ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلغا بەكمۇ ئامراق، نېمىشقا دېگەندە قەشقەر ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساس قىلغان، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، مەن بۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم، شۇڭا چوقۇم ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى بىلىشىم كېرەك دەيمەن، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ سېھرى مېنى بۇ ئۇسسۇلنى ئويناشقا ھەردائىم جەلىپ قىلىدۇ، ئۇسسۇل ئارقىلىق مەن نۇرغۇن ئۇيغۇر دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، پىكىرلەشتىم. چۈشۈنىش ھاسىل قىلىش ئىتتىپاقلىقنىڭ ئەڭ ئاساسى ئىكەن، مېنىڭچە بۇ سەھنە مېنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىشىمدىكى ئەڭ ياخشى سەھنە دەپ قارايمەن،- دېدى بايامقى شوخ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكەن ئاق چاچلىق ئايال ماڭا.

  ـــ سىلەر مۇخبىرمۇ،- دېدى بايامقى مەيداندا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان يەنە بىر خەنزۇ ئايال بىزگە،- مەن سىلەرگە دەي، بىزنىڭ بىر ئوتتەك تەلىپىمىز بار، يەنى مۈمكىن بولسا ھەركۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن تۆتكىچە بولىدىغان بۇ ئۇسسۇل سورۇنىنى يەنە بىر سائەت ئۇزارتىپ بەرگەن بولسا، ھازىر بۇ سورۇن قاتناشچىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى بەكمۇ يۇقىرى.

  بۇ خەنزۇ ئايالنىڭ ئىسمى زېڭ يى بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئىسمى گۈلەمبەر ئىكەن، كىچىكىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بولغاچقا ئۇنىڭ ئۇيغۇر تەلەپپۇزى قويۇق قەشقەر تۈسىنى ئالغانىدى. قەشقەر «1 – ئاۋغۇست» ئۇن زاۋۇتىدىن پېنسىيەگە چىققان زېڭ يى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان چىن مۇھەببىتى بىلەن بۇ سورۇننى تەييارلىغان بولۇپ، 2013 – يىلى ئۆكتەبىر بايرىمىدىن باشلاپ ئۇنىڭ 2 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىشى بىلەن سېتىۋېلىنغان ياڭراتقۇ بۇ باغچە مەيدانىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىغا ئايلانغان. ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان، ئۇسسۇل ئۆگىنىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر يېرىم مىڭ ئەتراپىغا بارغان، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئوينايدىغان خەنزۇلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ 30 غا يەتكەن. بۇ يەر ھەم چېنىقىش سورۇنى شۇنداقلا ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئارقىلىق ئۆز – ئارا ھەمكارلىق، ئىناقلىق كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان، مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدىغان سورۇنى بولۇپ قالغان.

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·زەھەرلىنىش، دورا ئىچكۈزۈش، تەن جازاسى بېرىش 
      ·مال ـ دۇنياسىنى كۆز ـ كۆز قىلىش ئۈچۈن ئالتۇن چىش قاپلىتىدۇ(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر نامرات رايونلاردىكى يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئاشۇرۇپ قو…
      ·6-تۈركۈمدىكى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىچكىرىگە بېر…
      ·كۇچا ناھىيەسى مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى
      ·ئەنگىلىيە مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى شاڭخەيدە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى(1)
      ·ئىككى تېرلىيون 200 مىليارد يۈەن مائارىپ خىراجىتىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلدى
      ·كورلا شەھىردىكى مەكتەپلەردە «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش…
      ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ