باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پايتەخت مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى

2014.04.08 08:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن پايتەخت مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تۇتۇش قىلىپ، يېشىللىقنى ئاسراش، كۆكەرتىش، يېشىللىقنى قوغداشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئورمان بايلىقىنى ياخشى يېتىشتۈرۈپ، ياخشى ئاسراپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېرىشىپ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشى كېرەك.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىملاردا، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار كوللېكتىپ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىدىكى تۈەنچېڭ كۆلىنىڭ تەڭشەش كۆلچىكىدىكى كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا باردى.

  شى جىنپىڭ ماشىنىدىن چۈشۈپلا قولىغا گۈرجەك ئېلىپ، ئۇدۇل كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا بېرىپ، بېيجىڭ شەھىرى، دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پىيونېرلار بىلەن كۆچەت تىكىشكە باشلىدى. شى جىنپىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئالتە تۈپ كۆچەت تىكتى، ئۇ پىيونېرلار بىلەن ھەر بىر تۈپ كۆچەتنى بىللە سۇغاردى ھەم ئۇلارنى تېرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىپ، تېرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمگەك قارىشى، ئەمگەك ئېڭى، ئەمگەك ئادىتىنى يېتىشتۈرۈپ، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈپ، ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن غەيرەتلىك ئەمگىكى بىلەن ۋەتەن قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىدىغان كۈچكە ئايلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  كۆچەت تىكىش ئارىلىقىدا، شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرى ۋە دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئورمان ئەھيا قىلىپ كۆكەرتىش خىزمىتى ئۈستىدە پاراڭلاشتى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ كۆچەت تىكىپ، ئورمان ئەھيا قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشى-ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە. ھەر بىر پۇقرا قانۇندا بەلگىلەنگەن كۆچەت تىكىش مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئومۇمىي خەلق كۆكەرتىش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىلمىي كۆچەت تىكىپ، سۈنئىي ئورمان ئەھيا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئورمان كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئورمان سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە ئىقتىدارىنى چىڭىتىپ، ھەر بىر پارچە يېشىللىقنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. كۆچەت تىكىپ بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قۇرۇلۇش مەسئۇلىدىن جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاشتىكى سۇ مەنبەسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۇنى قوغداش، تەڭشەش كۆلچىكى ئىش ئورنىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى پايتەختتىكى خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر