باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق›› نى باھالاش پائالىيىتىدىن ‹‹ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام كادىرى›› نى باھالاشقا نەزەر

2014.04.03 15:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىن ۋېنمىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ مەدەنىيلىك تورى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2014 – يىللىق ‹‹ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىقنى كۆرسىتىمەن، باھالايمەن›› پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نەزەرى ‹‹ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام كادىرى››غا ئاغدۇرۇلۇپ، بەس – بەستە نامزات كۆرسىتىلىپ، ئاكتىپ ئاۋاز بېرىلدى، 31 – مارتقىچە، توردا ئاۋاز بەرگەنلەر 1 مىليون 2000دىن ئاشتى.

  ‹‹ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىقنى كۆرسىتىمەن، باھالايمەن›› پائالىيىتى 5 – مارت باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەرساھەدىكىلەر ‹‹ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام كادىرى››دىن 62نى نامزاتلىققا كۆرسەتتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەيدىغان كەنت (مەھەللە) پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىرى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىرى ئىدى. تورداشلار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئامما ئارىسىدىن چىققان، ئۇلار يىل بويى بىرىنچى سەپتە ئاممىغا قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن ئاممىنىڭ رىشتىنى باغلىدى، ئۇلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك، ئىشەنچلىك، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ، كۆپچىلىكنى تەسىرلەندۈرىدۇ. قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ موتگې يېزىسىدىكى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دارخانچ 1983 – يىلى 3 – ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ياشانغان ئىگە – چاقىسىزلارنىڭ كىر – قاتلىرىنى يۇيۇپ، ئۇلارغا تاماق ئېتىپ بېرىپ، نامراتلارنى بېيىش يولىغا يېتەكلىدى، موڭغۇلچە، خەنزۇچە، قازاقچە، ئۇيغۇرچە بىلىدىغان دارخانچ يىل بويى چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىگە خالس مەلۇماتچى ۋە چارلىغۇچى بولدى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى 5 – كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مىجىت يۇنۇس 30 يىلدىن بۇيان پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم ئاپەت يۈز بەرگەن رايون ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، ئىلغار خىزمەتچى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. ھازىر ‹‹ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام كادىرى››نى توردا باھالاشتا ئېرىشكەن ئاۋاز سانى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان نامزاتلار: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۆرسەتكەن سۇ شېڭفا، ئۈرۈمچى شەھىرى كۆرسەتكەن روشەن توختى، قاراماي شەھىرى كۆرسەتكەن ما يۈليەن، قەشقەر ۋىلايىتى كۆرسەتكەن خۇاڭ يىڭجيې، قۇمۇل ۋىلايىتى كۆرسەتكەن مەلىكە مەمەت قاتارلىقلار.

  4 – ئايدا ‹‹ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىقنى كۆرسىتىمەن، باھالايمەن›› پائالىيىتىنىڭ باھالاش باش تېمىسى ‹‹ئەڭ گۈزەل ساقچى›› بولۇپ، ئامما ‹‹ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام كادىرى››نى داۋاملىق كۆرسىتىش بىلەن بىللە، ئەتراپىدىكى ‹‹ئەڭ گۈزەل ساقچى››لارغىمۇ نەزەرىنى ئاغدۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ‹‹ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىقنى كۆرسىتىمەن، باھالايمەن›› پائالىيىتى يىل ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر